Chinese→UyghurMain Dictionary
商羯罗
دىن
shāng jié luó
婆
شەڭكەرە
دۇنيا تارىخى
سانكارا
(788 - 820)، ھىندىستاننىڭ ۋېدا مەزھىپىدىكى پەيلاسوپى. براخمان دىنىنىڭ ئىسلاھاتچىسى. <ئىككى نەرسە ئەمەس نەزەرىيىسى>لىك پەلسەپە سېستىمىسىنى شەرھلەپ ھەمدە بەرپا قىلىپ، <مەن> بىلەن <براخما> نىڭ ئۆز گەۋدىسى ئىككى نەرسە ئەمەس، بەلكى ئالەمدىكى بىردىنبىر گەۋدىدۇر، <دۇنيادىكى خىلمۇخىل ھادىسىلەرنىڭ ھەممىسى ھەقىقىي ئەمەس، بەلكى ساختىدۇر> دەپ قارىغان. ئۇ ھىندىستاننىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا بېرىپ، دىن تارقىتىش پائالىيىتىنى ئېلىپ بارغان. بۇددا دىنى بىلەن جىنا دىنىنىڭ قىسمەن ئەقىدىلىرىنى قوبۇل قىلىپ، براخما دىنىنى ھىندى دىنى دەپ ئۆزگەرتىپ ئاتىغان. <ئاتما بۇددا(>مېنىڭ تۇيغۇم<) قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.