Chinese→UyghurMain Dictionary
上鄂
بىئولوگىيە
ئۈستۈنكى تاڭلاي
(1) بوغۇم پۇتلۇق ھايۋانلارنىڭ ئوزۇقلۇق تۇتۇش ئورگىنىنىڭ بىر تەركىبىي قىسمى بولۇپ، <چوڭ تاڭلاي> دەپمۇ ئاتىلىدۇ، باش قىسمىدىكى پۇت ھېسابلىنىدۇ. مەسىلەن جۈپ راك، چېكەتكىلەرنىڭ ئۈستۈنكى تاڭلىيى ئېغىز ئاپپاراتىنىڭ ئەڭ ئالدى تەرەپتىكى بىر جۈپ پۇتىدىن ئىبارەت بولۇپ، پۇتىنىڭ ئەسلىدىكى بوغۇمدىن ئۆزگەرگەن، قاتتىق كەسكۈچى چىشى ۋە ئېزىق چىش قىسمى دەپ بۆلۈنىدۇ. كەسكۈچى چىشى ئادەتتە ياپىلاقراق، گىرۋىكىدە چىشسىمان كەمتۈكلىرى بولۇپ، ئوزۇقلۇقنى كېسىپ پارچىلاشقا ئىشلىتىلىدۇ؛ ئېزىق چىشى قېلىنراق، تۈگمەن تېشىنىڭكىدەك چىش ئويمانلىرى بولۇپ، ئوزۇقلۇقنى چايناپ يۇمشىتىشقا ئۇيغۇنلاشقان. باش قىسمىدىن كەلگەن كۈچلۈك مۇسكۇل، ئۈستۈنكى تاڭلاينى ئوڭ - سولغا ھەرىكەتلەندۈرەلەيدۇ. ماسلىشىشى ئوخشىمىغانلىقتىن، فۇنكسىيىلىك ئۈستۈنكى تاڭلايدىمۇ خىلمۇ خىل ئۆزگىرىشلەر مەيدانغا كەلگەن، مەسىلەن، پاشا، تومۇزغا (سانجىپ شورىغۇچى ئېغىز ئاپپاراتى) لارنىڭ ئۈستۈنكى تاڭلىيى يىڭنىسىمان بولۇپ، سانجىپ تېشىشكە ماسلاشقان؛ كېپىنەك، پەرۋانە قاتارلىق تەڭگىچە قاناتلىقلار ئەترىتىدىكى ھاشاراتلارنىڭ (يالماپ شورىغۇچى ئېغىز ئاپپاراتى) ئۈستۈنكى تاڭلىيى رۇدىمېنتلىشىپ يوقىلىپ كەتكەن. (2) ئومۇرتقىلىق ھايۋنلارنىڭ ئاستىنقى تاڭلاي سۆڭىكى، <ئاستىنقى جاغ> دەپمۇ ئاتىلىدۇ، باش سۆڭەكلىرى ئىچىدىكى بىردىنبىر ھەرىكەتلىنەلەيدىغان قىسمى بولۇپ، چايناشقا قاتنىشىدۇ