Chinese→UyghurMain Dictionary
上帝和平
Domain: دۇنيا تارىخىتەڭرى تىنچلىقى
نېمىس يېزىقىدىكى Landfrieden دېگەن سۆزدىن ئېلىنغان بولۇپ، مەنىسى ئامانلىق ساقلاشتىن ئىبارەت. ئوتتۇرا ئەسىردە گېرمانىيىدە بەلگىلىك ۋاقىت ئىچىدە فېئوداللارنىڭ شەخسىي ئۇرۇشۇشىنى مەنئى قىلىش، بەزى جايلاردا (مەسىلەن، چېركاۋ، بازار قاتارلىقلار) ۋە بەزى كىشىلەر (مەسىلەن، سودىگەرلەر، مىسسىئونېرلار قاتارلىقلار) نىڭ دەخلىسىز ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلىش توغرىسىدىكى كېلىشمىلەرنى كورۇل ۋە ئىمپېرىە پارلامېنتى ئېلان قىلاتتى. بۇنىڭدا فېئوداللىق بۇلاڭچىلىقنى چەكلەپ، سودىنى قوغداپ، پادىشاھ ۋە بەگلىكلەرنىڭ ئىقتىسادىي كىرىمىنى كاپالەتلەندۈرۈش مەقسەت قىلىنغان، 1103-يىلى كورۇل ھېنرى Ⅳ <تەڭرى تىنچىلىقى> نى تۇنجى قېتىم ئېلان قىلغان. 1495-يىلى بىر قىسىم بەگلىكلەر <تەڭرىنىڭ مەڭگۈلۈك تىنچلىقى> دېگەننى ئېلان قىلىشنى تەشەببۇس قىلغان. لېكىن ئەمەلگە ئاشمىغان.
About this entry
This is a Chinese–Uyghur dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.