UyghurMain Dictionary
شاھ جاھان مەسچىتى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
پاكىستاندىكى تۆت چوڭ مەسچىتنىڭ بىرى بولۇپ، ئورنى سىند ئۆلكىسىدىكى تاتتادا بولغاچقا، «تاتتا مەسچىتى» مۇ دېيىلىدۇ. بۇ مەسچىتنى موغۇل سۇلالىسىنىڭ پادىشاھى شاھ جاھان (1627 - يىلىدىن 1658 - يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان) ⅩⅦ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرى سالدۇرغان. سىرتقى تېمى قىزىل تاش بىلەن قوپۇرۇلغان ھەمدە گۈل چىقىرىلغان يېشىل ساپال بىلەن نەقىشلەنگەن. بۇ مەسچىت ئەنئەنىۋى ئۇسلۇبتىكى گۈمبەزدىن باشقا، ئاۋازنى ياخشى تارقىتىش ۋە ھاۋانى ياخشى ئالماشتۇرۇش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.