UyghurMain Dictionary
شاھادەت
بىئولوگىيە
بۇ ئەرەبچە سۆزنىڭ مەنىسى <گۇۋاھلىق بېرىش> دېگەنلىك بولىدۇ. مۇسۇلمانلارنىڭ <كەلىمە شاھادەت> نى ئوقۇپ، ئىماننى ئوچۇق بىلدۈرۈشى ياكى <گۇۋاھلىق بېرىشى> نى كۆرسىتىدۇ. دىنىي پائالىيەتلەردە، ھەممە تەنتەنىلىك سورۇنلاردا كەلىمە شاھادەتنى ئوقۇش كېرەك؛ جان ئۈزۈشنى ئىلگىرى ئۆزى ئوقۇسىمۇ، باشقىلارنى ئوقۇپ قويۇشقا تەكلىپ قىلسىمۇ بولىدۇ. كەلىمە شاھادەت تىلىدا ئوقۇش (تەسبىھ ئېيتىش) ۋە دىلىدا ئوقۇش (ئاۋازسىز ئوقۇش يەنى زېھنىنى يىغىپ ئاللانى ياد ئېتىش) نى، ئاغزىدا ئېتىراپ قىلىش، دىلىدا ئىشىنىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
يېزت گۇۋاھلىق، شاھىتلىق؛ گۇۋاھلىق سۆزى.
ئىمام دەرھال ئورنىدىن تۇرۇپ، كېكىردەكلىرىنى قىرىشتۇرۇپ جامائەتكە شاھادەت ئۆگەتتى.
شېھىت، قۇربان.
قىلىپ دۈشمەن بىلەن جەڭ بۇ ناھايەت، دۆۋە قۇملۇقتا تاپقاندۇر شاھادەت.
ئاياللارنىڭ ئىسمى.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
قىز - ئاياللارغا خاس ئىسىم
پارىسچە
گۇۋاھلىق؛شەھىدلىك