Chinese→UyghurMain Dictionary
砂川事件
دۇنيا تارىخى
سىناگاۋا ۋەقەسى
ياپونىيە توكيونىڭ غەربىدىكى سىناگاۋا بازىرىدا يۈز بەرگەن ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيىسى بازىسىنى كېڭەيتىشكە قارشى كۈرەش. جەمئىي ئىككى قېتىم يۈز بەرگەن. (1) سىناگاۋا بازىرىنىڭ جەنۇبىدا ئامېرىكىنىڭ تاچىكاۋا ھاۋا ئارمىيىسى بازىسى قۇرۇلغان. 1955 - يىلى ياپونىيىدە كېڭەيتىشكە ياردەم بېرىش مەقسىتىدە سىناگاۋا بازىرىدىكى خەلقلەرنىڭ يەرلىرىنى مەجبۇرىي ئىشلەتكەن، بۇ ھال شۇ جايدىكى ئاھالە ۋە باشقا جايدىكى خەلقلەرنىڭ قارشىلىقىنى قوزغىغان. 9 - ئايدىن باشلاپ ساقچىلار بىلەن دېھقانلار، ئىشچىلار ۋە ئوقۇغۇچىلار ئوتتۇرىسىدا كۆپ قېتىم قانلىق توقۇنۇش يۈز بەرگەن. ئاخىرى ھۆكۈمەت سىناگاۋا بازىردىكى يەرلەرنى ئۆلچەش ۋە ئىشلىتىشنى توختىتىشقا مەجبور بولغان، كۈرەش غەلىبىلىك بولغان. (2) 1957 - يىلى 7 - ئايدا ياپونىيە ھۆكۈمتى ئۆلچەش ئېلىپ بارىدىغان ئىشچىلار ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئامېرىكىنىڭ تاچىكا ۋە ھەربىي بازىسىغا كىرىشنى چەكلەشنى باھانە قىلىپ، <جىنايى ئىشلار پەۋقۇلئاددە قانۇنى>نىڭ 2 - ماددىسىغا ئاساسەن يەتتە نەپەر ئادەمنى ئەيىبلىگەن. 1959 - يىلى 3 - ئايدا توكيودىكى يەرلىك ھۆكۈم چىقرىش ئورنى <ياپونىيە - ئامېرىكا بىخەتەرلىك شەرتنامىسى> ۋە ئامېرىكىنىڭ ياپونىيىدە تۇرۇشلۇق ئارمىيىسى ياپونىيەنىڭ ئاساسىي قانۇنىغا خىلاپلىق قىلغان، شۇڭا ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ مەنپەئىتىنى قوغدايدىغان <جىنايى ئىشلار پەۋقۇلئاددە قانۇنى> كۈچكە ئىگە ئەمەس دەپ ھېسابلاپ، يەتتە ئادەمنى گۇناھسىز دەپ جاكارلىغان. لېكىن شۇ يىلى 12 - ئايدا ئالىي ھۆكۈم چىقرىش ئورنى تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ يۇقىرىغا سۇنغان ئەرزىنى قوبۇل قىلىپ، يەرلىك ھۆكۈم چىقرىش ئورۇنلىرىنىڭ <شەرتنامە>نىڭ ئاساسىي قانۇنغا خىلاپلىق قىلغان ياكى قىلمىغانلىقى توغرىسىدا تەكشۈرۈش ھوقۇقى يوق دەپ قاراپ، توكيودىكى يەرلىك ھۆكۈم چىقرىش ئورنىنىڭ ھۆكۈمىنى بىكار قىلغان. بۇ ئارىلىقتا ئامېرىكائارمىيىسى كېڭەيتىپ قۇرۇش نىيتىدىن سەل يېنىشقا مەجبور بولغان، شۇنىڭ بىلەن، سىناگاۋادىكى يەرنى ئىشلىتىشكە قارشى كۈرەشمۇ ئاخىرلاشقان