UyghurMain Dictionary
شاڭ
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
موزدۇزلۇق سايمىنى. ئۆتۈكنىڭ قونچىغا سالىدىغان مەخسۇس ياغاچ قېلىپ.
ئۆتۈككە شاڭ سالماق.
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
ماتا، خام.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
دېھقانچىلىق بېجى، دېھقانلار ئاشلىقتىن تېگىشلىك مىقداردا دۆلەتكە تاپشۇرىدىغان سېلىق.
«شاڭ»، «لەڭ»، «دەييەك» ئاقسۇ، ئۈچتۇرپان شېۋىسىدە قوللىنىلىدۇ.
غەللە - پاراق تاپشۇرۇش _ دېھقانلارنىڭ دۆلەت ئالدىدىكى مەجبۇرىيىتى.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
بىراۋغا كۆرسەتكەن خىزمىتى، قىلغان ئىجادىيەت، كەشپىياتلىرى ئۈچۈن، تەنتەربىيىدە ئۇزغۇنلۇقى ئۈچۈن بېرىلگەن نەرسە.
<مۇكاپات> ئەڭ ئومۇمىي.
<ئىنئام> مەلۇم شارائىتتا <ھەدىيە> گە ياتىدۇ.
<شاڭ> خەنزۇچە: 赏
ۋاپا كۆرسەڭ بىراۋدىن بولما لال زادى، ۋاپا قىلدىڭ، ۋاپا بولدى مۇكاپاتى. ناخشىچى دىلبەر يۇنۇسنىڭ فېنلاندىيىدە ناخشا مۇسابىقىسىغا قاتنىشىپ ئىككىنچى بولغانلىقىنى قۇتلۇقلاپ، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئۇنىڭغا 5000 يۈەن مۇكاپات بەرگەنىدى. خام مېۋىدىن لەززەت ئىزدىگەن خامدۇر، ئۇندىن پۇختا ئەمەس، خام سۆز ئىنئامدۇر. باشباي بىر مالچىسىغا بىر ئات ئىنئام قىلغانىكەن. ياڭ زېڭشىن تۆمۈر خەلپىنى تۇتۇپ بەرگەن خائىنغا شاڭ بەرگەن.
شىۋىلەر
تۇرپان شىۋىسى
ئۆتۈكنىڭ قونجىغا سېلىنىدىغان ياغاچ قېلىپ.
شىۋىلەر
خوتەن شىۋىسى
ماتا، بۆز، يەرلىك رەخت.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
پارىسچە
ئۆتۈك پۈتكەندىن كېيىن قونچىنى تۈزەش ۋە كېڭەيتىش ئۈچۈن قونچىغا قاقىدىغان ياغاچ كالتەك، ئۆتۈكنىڭ قونچىغا سېلىنىدىغان ياغاچ قېلىپ.
شاڭ قاقماق.