Uyghur←ChineseMain Dictionary
سېگفرېد مۇداپىئە لىنىيىسى
Domain: دۇنيا تارىخى齐格菲防线
qí gé fēi fáng xiàn
1936 - 1939 - يىللىرى فاشىست گېرمانىيىسى غەربىي چېگرىدا قۇرۇپ چىققان مۇداپىئە ئىستىھكام سىستېمىسى بولۇپ، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 500 نەچچە كىلومېتىر كېلىدۇ. كۆپ قىسىم بۆلىكى فرانسىيىنىڭ ماگىنوت مۇداپىئە لىنىيىسىگە يانداش بولغان. سېگفرېد گېرمانىيەنىڭ ⅢⅩ ئەسىرنىڭ باشلىرىدىكى خەلق ئارىسىدىكى تارىخىي داستان <نىبورونگې ناخشىسى> دىكى قەھرىمان، رىۋايەت قىلىنىشىچە، ئەجدىھا قېنى بىلەن يۇيغاندىن كېيىن، پۈتۈن بەدىنى خەنجەر ئۆتمەيدىغان بولغانىكەن. مۇداپىئە لىنىيىسىنىڭ مۇشۇ نام بىلەن ئاتىلىشىدا، يىمىرىلمەيدۇ، دېگەن مەنىمۇ بار. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە بىر مەھەل ئامېرىكا - ئەنگلىيە بىرلەشمە ئارمىيىسىنىڭ ھۇجۇمىنى توسقان، 1945 - يىلى 3 - ئايدا بۆسۈپ ئۆتۈلگەن.
About this entry
This is a Uyghur–Chinese dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.
This word also appears under other sources in Lughet's collection — see the list below.