UyghurMain Dictionary
سەزگۈ چېكى
پسىخولوگىيە
بۇ سەزگۈ پەيدا قىلىش بىلەن سەزگۈ پەيدا قىلالماسلىق ئارىلىقىدىكى چەك - چېگرىدىن ئىبارەت . ئوخشاش بولمىغان سەزگۈلەرنىڭ سەزگۈ چېكى ئوخشاش بولمايدۇ. سەزگۈ چېكى مۇتلەق سەزگۈ چېكى ۋە پەرق ئېتىش ( پەرىقلەندۈرۈش ) سەزگۈ چېكىدىن ئىبارەت ئىككى خىل بولىدۇ. « مۇتلەق سەزگۈ چېكى» نىڭ يۇقىرىقى چېكى ۋە تۆۋەنكى چېكى دېگەن ئىككى چېكى بار. « پەرقلەندۈرۈش چېكى» پەقەت بىرلا، يەنى ئەڭ كىچىك پەرقنى سىزىش. چەك ھەققىدىكى ئۇقۇمنى ئەڭ دەسلەپ سىستىمىلىق ئوتتۇرىغا قويغان كىشى گېرمانىيىلىك فىزىئولوگ ۋېبېر چەكلەر مۇنداق ھاسىل بولىدۇ: غىدىقلىغۇچنىڭ سەزگۈ ئورگانغا تەسىر قىلىش مىقدارى كىچىكتىن باشلىنىپ تەدرىجىي زورىيىدۇ، يەنى تەسىر كۈچى ئاجىزدىن باشلىنىپ تەدرىجىي كۈچىيىدۇ. ئاخىرى سەزگۈ پەيدا قىلغان مىقدا ئارقىلىق سەزگۈ چېكى ھاسىل بولىدۇ.