UyghurMain Dictionary
سەئدى
دۇنيا تارىخى
يەنى سەئدى شىرازى (تەخمىنەن1203 - 1292). پېرسىيە شائىرى. شىرازادا تۇغۇلغان. باغدادتىكى نىزامىيە مەدرىسىدە ئوقۇغان. كيېىن سۈرىيە، مىسىر قاتارلىق نۇرغۇنلىغان ئاسىيا - ئافرىقا رايونلىرىدا 20 نەچچە يىل سەرگەردان بولۇپ، ئېغىر كۈنلەرنى باشتىن كەچۈرگەن، ياورۇپادا ئەھلىسەلىپ تەرىپىدىن ئەسىر ئېلىنغان. يۇرتىغا قايتقاندا يېشى 50 تىن ئاشقان. ئەسەرلىرىنىڭ تىلى چۈشىنىشلىك، راۋان، تەبىئىي - ئاددى بولۇپ، كەڭ تارالغان. ئاساسىي ئەسەرلىرى <بوستان>، <گۈلىستان> (ياكى <قىزىلگۈل بېغى> دەپمۇ تەرجىمە قىلىنىدۇ) قاتارلىقلار.