UyghurMain Dictionary
سەۋر قىلساڭ غورىدىن ھالۋا پۇتەر
ئۇيغۇر تىلىدىكى تۇراقلىق ئىبارىلەر
بۇ، ھەر قانداق ئىشنىڭ ئەمەلگە ئېشىشى ئۈچۈن مەلۈم جەريان كېتىدىغانلىقىنى، شۇڭا ئالدىراڭغۇلۇق قىلماي، تاقەت بىلەن كۈتۈش لازىملىقىنى بىلدۈرىدۇ: - سىز ئېسىل خىسلەتلىك قىز، كونىلاردا «سەۋر قىلساڭ غورىدىن ھالۋا پۈتەر» دېگەن گەپ بار، ئادەملەردىكى سەۋر - تاقەت، چىدام نۇرغۇن ئەسكى خۇي - مىجەزلەرنى يېڭىپ، تەۋرىنىپ قالغان ئائىلەرنى بۇزۇلۇپ كېتىشتىن ساقلاپ قالايدۇ، - دېدى ئۇ.