كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
شادلىق، خۇشاللىق.
Domain: تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرىسۆيۈنچ، خوشاللىق، شادلىق.
ماقالدا مۇنداق كەلگەن: ئۈكۈش سەۋىنچ بولسا قاتىغ ئوخسۇنۇر _ كۆپ سۆيۈنۈپ كەتسە، قاتتىق ئۆكۈنەر. كۆپ خۇشال بولۇپ كەتكەن كىشى بىرەر ئىشتا قاتتىق قايغۇغا چۈشىدۇ. بۇ ماقال ھەددىدىن ئارتۇق خۇشاللىنىپ كەتمەسلىككە ئۈندەپ ئېيتىلىدۇ. شېئىردا مۇنداق كەلگەن:
مەندە بۇلنۇر سەۋىنچ ئوتى قازغۇ ئاتار
قارشى كۆرۈپ ساغدىچ ئانى ئۇچماق ئاتار
مەندە سۆيۈنچ ئوتى تېپىلىدۇ، ئۇقايغۇنى ئاتار،
دوستلار ئوردىنى كۆرۈپ ئۇنى جەننەت ئاتار.
مەندە سۆيۈنچ ۋە خۇشاللىقنىڭ داۋاسى بار، ئۇ قايغۇنى كەتكۈزىدۇ؛ دوستلار مېنىڭ ئىمارىتىمنى كۆرۈش بىلەنلا، چىرايلىقلىقىدىن ئۇنى جەننەت دەپ كېتىدۇ.
3 - 510
Domain: قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرىسۆيۈنۈش
Domain: ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرىقىز - ئاياللارغا خاس ئىسىم
خۇشاللىق، شادلىق
Domain: ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرىئەرلەرگە خاس ئىسىم
سۆيۈنۈش، خۇشاللىنىش. قەدىمكى ئۇيغۇرلار قوللانغان ئىسىم .