UyghurMain Dictionary
سەۋەنلىك
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ناتوغرا، نالايىق ئىش _ ھەرىكەت.
خاتالىقنى ئىنكار قىلغىنىڭ _ قاتلاپ خاتا قىلغىنىڭ. ئۈزۈلمەيدىغان ئارقان يوق، تۈزەلمەيدىغان خاتالىق. خەقنىڭ سەۋەنلىكىنى ئەينەك قىلىپ، ئۆزۈڭنىڭ سەۋەنلىكىنى تۈزەت. بالىنىڭ كەمچىلىكى ئاتا _ ئانىنىڭ كەمچىلىكى. كەمچىلىك مەندىن، كەچۈرۈش سەندىن.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
خاتاغا ئائىت.
توغرىلىق
توغرىغا ئائىت.
توغرىلىققا چەك بار، پىتنىگە چەك يوق. بىر مىنۇتلۇق خاتالىق ئۆمۈر بويى ھەسرەتكە سالار. ئادەم ئۆزىنىڭ سەۋەنلىكىنى ئاز كۆرىدۇ. خەقنىڭ سەۋەنلىكىنى ئەينەك قىلىپ، ئۆزۈڭنىڭ سەۋەنلىكىنى تۈزەت. ئادەم خاتالىقىنى بىلمەس، تۆگە غادايغىنىنى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
بىلىپ - بىلمەي، بىخەتەستەلىك قىلىپ ئۆتكۈزگەن ياكى يول قويغان خاتالىق، كەمچىلىك.
ئۆگەي ئانا كىچىككىنە بىر سەۋەنلىك ئۈچۈنمۇ ھەرىدەك چېقىپ، چاياندەك نەشتىرىنى سانجىپ تۇراتتى.
<قا> بىرەر قىلمىشنىڭ جەمئىيەتكە زىيانلىق ئاقىۋەت كەلتۈرىدىغانلىقىنى ئالدىن مۆلچەرلەشكە مۇمكىن بولسىمۇ، بىخەستەلىك قىلىپ مۆلچەرلىيەلمەسلىك ياكى مۆلچەرلەنگەن تەقدىردىمۇ ساقلىنالايدىغانلىقىغا يېنىكلىك بىلەن ئىشنىپ كېتىپ، زىيانلىق ئاقىۋەتنىڭ كېلىپ چىقىشىغا يول قويۇش.