UyghurMain Dictionary
سەۋەب
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
ۋەج، بائىس.
سەۋەبكار، سەۋەبچى، سەۋەبلىك. * سەۋەب - نەتىجە. * سەۋەبسىز ئىش بولماس (ماقال).
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىلاج، ئامال.
تەلەپ قىل، سەۋەب قىل (ماقال) . * سەۋەب قىلساڭ، سېۋەتتە سۇ توختار (ماقال) . * ئۆلگەندە يىغلىغۇچە، ئۆلمەستە سەۋەب قىل (ماقال) .
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
كىيىم.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
بىرەر ئىش _ ھەرىكەتنى ھەل قىلىشتا قوللىنىلىدىغان قائىدە _ يوسۇن.
ئاققا قارا يوق، قارىغا چارە. تەدبىرىڭ قانداق بولسا، تەقدىرىڭ شۇنداق بولار. ھەر تەدبىر ھەممىگە ماس كېلىۋەرمەس. يوققا ئامال يوق. ئامال تاپقاندىن ئەجەل قاچار. قۇرۇتنى يوقىتىشنىڭ ئىلاجى قايناق سۇ. سەۋەب قىلساڭ، سېۋەتتە سۇ توختار. دەردكە سەۋەب تېپىلار. تەرتىپنى تەرزى كۆپ بۇزار. ھەر ئىشنىڭ يولى بار. يولىنى بىلسەڭ سۇ ئۆگزىگە چىقار. ۋاستىسى رەزىلىنىڭ مەقسىتى ياخشى بولماس. ئوقۇتۇش مېتودى ناھايتى مۇھىم.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
بىرەر ئىش - ھەرىكەتنىڭ كېلىپ چىقىشى ئۈچۈن ئامىل، ئاساس بولغان باشقا بىر ئىش - ھەرىكەت.
سەۋەبىنى ئاتىدىن ئىزدە، نۇقساننى بالىدىن. سەۋەب بولمىسا، نەتىجە بولماس. نېمە ۋەجىدىن ئاتا - ئاناڭدىن خەۋەر ئالمايسەن؟ ئۆتكەن يىلى باققاللىقتىن زىيان تارتتىم، شۇ بائىستىن بۇ ئىشقا ھەپسىلەم يوق.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئەرەبچە
ئى. بىرەر ئىش - ھەرىكەت، ۋەقە، ھادىسە قاتارلىقلارنىڭ بارلىققا كېلىشى، سادىر بولۇشى ۋە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى ئۈچۈن ئاساس ۋە ئامىل بولىدىغان باشقا بىر ۋەقە - ھادىسە، نەرسە، ھال - ئەھۋال ياكى شەرت - شارائىت.
سەۋەب بولماق.
ئى. ۋەج، باھانە.
سەۋەب تاپماق. سەۋەب كۆرسەتمەك.
باغل. باش جۈملە بىلەن ئەگەشمە جۈملىنىڭ ئوتتۇرىسىدا باغلىغۇچىلىق رولىدا كېلىپ <چۈنكى> دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ.
ئۇنىڭغا مەن پەشۋا بەرمىدىم، قاتتىق تىللىدىم، سەۋەب ئۇ چاغدا <تۆت كىشىلىك گۇرۇھ> ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقان چاغلار ئىدى.