UyghurMain Dictionary
سەركىچۆپ
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سەركە + چۆپ
ئىسىم
بوتانىكا
باشاقلىقلار ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق، سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. باھار پەسلىدە دەسلەپ گۈلى ئېچىلىپ، كېيىن يوپۇرماق چىقىرىدۇ. گۈل باشىقى ئۈستىدە قويۇق ئۆسكەن ئاق رەڭدىكى تۈكلىرى بولىدۇ. يىلتىزسىمان غولىنى ئىستېمال قىلغىلى ياكى دورىغا ئىشلەتكىلى، يوپۇرمىقىدىن يامغۇرلۇق كىيىملەرنى توقۇغىلى بولىدۇ.