UyghurMain Dictionary
سەرەمجان
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئائىلىدە ئىشلىتىدىغان ھەممە جاھاز، نەرسە - كېرەكلەر.
ئۆيۋاقلىرىڭنى يىغىشتۇرۇپ يۈر. بىساتىڭغا قارىما، ئىنساپىڭغا قارا. سەرەمجان ئائىلە - خوشال ئائىلە.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پارىسچە
ئى. ئۆي، زال قاتارلىقلارنىڭ ئىچىگە قويۇلغان بىسات، جاھاز، جابدۇق قاتارلىق نەرسە - كېرەك.
ئۆي سەرەمجانلىرى.
سۈپ. ھەممە نەرسىلەر خىلى - خىلى بىلەن ئۆز جايى - جايىغا رەتلىك تىزىپ قويۇلغان؛ تەرتىپلىك، رەتلىك.
ھويلا ئىچى شۇنچە پاكىز، سەرەمجان، گۈللۈكلەردىكى گۈللەر كىشىنىڭ زوقىنى قوزغاپ تۇراتتى.
سۈپ. ئىشنى جاي - جايىدا، تەرتىپلىك، رەتلىك بېجىرىدىغان؛ ئىنچىكە ۋە پۇختا ئىش قىلىدىغان.
سەرەمجان ئادەم. سەرەمجان ئايال.