UyghurMain Dictionary
سەقەنقۇر
ھايۋاناتلار دۇنياسى
سەقەنقۇر دېڭىزدا ياشايدىغان شەكلى غەلىتە بىر خىل كىچىك بېلىق. بېشى ئاتنىڭ بېشىغا ئوخشايدۇ، پۈتۈن تېنى بىر »ئەجدىھا« غا ئوخشايدۇ. باش قىسمى بىلەن گەۋدىسى تۇتاشقان تىك بۇلۇڭسىمان چوققىسىدىن تارتىپ غۇژمەكلىنىپ تۇرغان قۇيرۇق ئۇچىغىچە بىر تال كۆرۈنەرلىك تارغاقسىمان ئومۇرتقا شەكىللەنگەن. ئۇ، ئادەتتە غۇژمەك قۇيرۇقى بىلەن سۇ يۈسۈنلىرىنى يۆگىۋېلىپ دەم ئالىدۇ، سۇ ئۈزۈش ۋاقتىدا تېنىنى سۇدا تىك تۇرغۇزۇپ، دۈمبە ئۈزگۈچىسىنى پالاقلىتىپ، ئۈستىگە تىك چىقىپ، ئاستىغا تىك چۈشۈپ ئۈزىدۇ.
سەقەنقۇرنىڭ بالا تۇغۇپ بېقىش ئۇسۇلى ئىنتايىن ئۆزگىچە بولۇپ، چىشى سەقەنقۇر ئورنىدا ئەركەك سەقەنقۇر بوغاز بولىدۇ ۋە تۇغىدۇ. ئەسلىدە، ئەركەك سەقەنقۇر قۇيرۇقىنىڭ ئالدى تەرەپ تۆۋەن قىسمىدا بىر خالتا بار بولۇپ، تۇخۇم باسۇرۇش خالتىسى دەپ ئاتىلىدۇ، بۇ خالتا ئىككى قەۋەت پۈرمە تېرىنىڭ ئۇلىنىشىدىن شەكىللەنگەن. خالتىنىڭ ئالدى تەرىپىدە بىر كىچىك تۆشۈك بار بولۇپ، ئۇ چىشى سەقەنقۇرنىڭ تۇخۇمىنى سالىدىغان ۋە بېلىجانلىرىنىڭ خالتىدىن چىقىپ كېتىشىدىكى ئىشىكىدۇر. چىشى سەقەنقۇر ھەرقېتىم تۇغقان بىرقانچە يۈز دانە تۇخۇمىنى شۇ تۆشۈك ئارقىلىق ئەركەك سەقەنقۇرنىڭ خالتىسىغا سېلىپ قويغاندىن كېيىن، تۇخۇم ۋە تۆرەلمىلەر يېتىلىپ بېلىجانغا ئايلانغىچە شۇ يەردە يېتىلىدۇ.
سەقەنقۇر تېيىز دېڭىزدا ياشاپ، كىچىك تىپتىكى قاسىراقلىق ھايۋانلارنى ئوزۇق قىلىدۇ، ئاساسەن شىمالىي تىنچ ئوكياننىڭ غەربىي قىسمىغا تارقالغان، دۆلىتىمىزنىڭ دېڭىز ياقىلىرىدىمۇ بار، بولۇپمۇ نەنخەي دېڭىزىدا ئەڭ كۆپ. سەقەنقۇرنىڭ دورىلىق قىممىتى ئىنتايىن يۇقىرى بولۇپ مېھرىگىياھ بىلەن تەڭ ئورۇندا تۇرىدۇ، خەلق ئارىسىدا «جەنۇبتا سەقەنقۇر، شىمالدا مېھرىگىياھ»دېگەن سۆزلەر بار.
بىئولوگىيە
ئۇ بېلىقلار سىنىپى، يىڭنىبېلىق ئەترىتى، يىڭنىبېلىق ئائىلىسىگە كىرىدۇ. غەلىتە شەكىللىك بىر بېلىق تۇرىدۇ. ئادەتتە ئۇنىڭ ئۇزۇنلۇقى 10 سانتىمېتىر ئەتراپىدا بولىدۇ. پۈتۈن تېنى ھالقىسىمان پەردە ماددىلىق سۆڭەك پلاستىنكىلىرىغا ئورالغان. كۆكرەك قورساق قىسىملىرى تومپايغان بولۇپ، 10 - 12 دانە ھالقىسىمان سۆڭەك خالتىسى ئوراپ، ئالتە بۇرجەك شەكلىگە كەلگەن. قۇيرۇقى ئىنچىكە، ئۇزۇن، تۆت قىرلىق؛ يۆگىلىپ سۇ ئوتلىرىغا ياكى لەيلىمە جىسىملارغا چىرمىشالايدۇ. بېشى ئېگىلىپ تېنىگە تىك بولۇڭ ياسىغان ھالدا جايلاشقان. شەكلى ئات بېشىغا ئوخشىغاچقا <دېڭىز ئېتى> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. تۇمشۇقى نەيچىسىمان. ژابرا تۆشۈكى دەز شەكلىدە. ساغرا پالاقچىسى بىلەن قۇيرۇق پالاقچىسى تەرەققىي قىلمىغان، قورساق پالاقچىسى يوق. پەقەت دۈمبە پالاقچىسىنى لەپىلدىتىش ئارقىلىق تىك ھالدا ئۈزىدۇ. ئەركىكىنىڭ قۇيرۇق قىسمىنىڭ قورساق تەرىپىدە تۇخۇم چىقىرىش خالتىسى بولۇپ، چىشى بېلىق تۇخۇمىنى شۇنىڭ ئىچىگە سالىدۇ، ئۇرۇقلانغان تۇخۇم شۇ خالتا ئىچىدە يېتىلىدۇ. كىچىك تىپتىكى قاسىراقلىق ھايۋانلارنى يەيدۇ. مەملىكىتىمىزدىكى دېڭىز بويلىرىنىڭ ھەممىسىدىن چىقىدۇ، بولۇپمۇ جەنۇبىي دېڭىزدا ئەڭ كۆپ. ئۇنىڭ كۆپ ئۇچرايدىغانلىرىدىن ياپونىيە سەقەنقۇرى (H.japonicus)، ئۈچ يوللۇق سەقەنقۇر (H.trimaculatus) ۋە تاجلىق سەقەنقۇر (H.coronatus) قاتارلىقلار بار. سەقەنقۇرنى دورا قىلىشقا بولىدۇ، بەدەننى قۇۋۋەتلەش، تۇغۇتنى تېزلىتىش، ئاغرىق پەسەيتىش، يۈرەكنى كۈچلەندۈرۈش قاتارلىق ئۈنۈملەرگە ئىگە بولۇپ، سۈنئىي باقمىچىلىق يولغا قويۇلغان.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئەرەبچە
زوئولوگىيە
بىر خىل بېلىق، بېشى ئاتقا، تېنى راكقا ئوخشايدۇ ۋە ياپىلاق كېلىدۇ. پۈتۈن تېنى سۆڭەك ھالقىلاردىن تۈزۈلگەن قاتتىق قاسىراق ئىچىدە تۇرىدۇ. رەڭگى ئاق، سېرىق ياكى قوڭۇر رەڭلەردە بولىدۇ. قۇيرۇقى ئېگىلىدۇ، قاسىراقلىق كىچىك ھايۋانلار بىلەن ئۇزۇقلىنىدۇ. ئەركىكىنىڭ قورسىقىدا بالا يېتىلدۈرۈش خالتىسى بولۇپ، چىشىسى ئۆزىنىڭ تۇخۇمىنى ئۇنىڭغا سالغاندىن كېيىن ئۇرۇقلىنىدۇ ۋە كىچىك بېلىجانلارنى چىقىرىدۇ. چوڭلىرى ئادەتتە تېبابەتتە قىممەتلىك دورا ھېسابلىنىدۇ.