UyghurMain Dictionary
سەپرا
مەنىداش سۆزلۈكلەر
خاپىلىقتىن بولغان كېسەللىك.
خاپىغان باشتا ئەقىل تۇرمايدۇ. قۇشسىز ئورمان خاپىغان. سەپرا سەلدىن يامان.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
نېرۋا سىستېمىسىنىڭ جايىدا بولماسلىقىدىن بولىدىغان چۇس مىجەز.
چىداش ياخشى سەپرا ئۆرلىگەن ئان، سەپرانى تاشقىرى چىقارماق يامان.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
قىزىققان بىر بالاغا ئۇچرار. مىجازى چۇس كىشى ھېچكىم بىلەن ئەپ بولالمايدۇ. ئەسەبىي ئادەم ھەممىنى بىزار قىلىدۇ. نېرۋا بولۇپ قاپسەن، ئاغىنە، جىم تۇر. ئوت قېشىدا سالقىن بولماس، جىلىخۇرغا ئەقىل قونماس. قېنى قىزىق كىشى توساتتىن چاتاق تاپىدۇ. تۇرسۇن تازا سەپرا ئىكەن.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئەرەبچە
ئى <تېب> سارغۇچ رەڭلىك، تەمى ئاچچىق، ئۆتكۈر سۇيۇقلۇق. ئۇ جىگەردە ئىشلىنىپ ئۆت خالتىسىغا چۈشۈپ قويۇقلىشىدۇ. ئۇ مايلارنى پارچىلاپ ھەزىم قىلىشقا ياردەم بېرىدۇ. سەپرا خىلىتى ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىگەن كىشىلەر روھىي جەھەتتە ئىتتىك، ئاسان ئاچچىقلىنىدىغان، كۆز ئېقى ۋە تىلى سارغۇچ، ئۇيقۇسى كەم بولىدۇ.
ئى. قەي، قۇسۇق.
سەپرا قىلماق.
سۈپ. كۆچمە. ئاسانلا ئاچچىقلاپ قالىدىغان، چېچىلغاق، تېرىككەك.
قاتتىق يىللارمۇ ئۆتتى. قابىل دېھقان جامى سەپرا بوۋايغا ئايلاندى.