UyghurMain Dictionary
سەپەر
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
يول.
سەپەرگە چىقىماق. * سەپىرىڭىزگە خىزىر يار بولسۇن.
تا يىراققا سەپەر قىلماستىن ھامان،
يېقىنلار قەدرىنى بىلمەس ئىنسان.
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
قەمەرىيە كالېنىدارى بويىچە 2 - ئاينىڭ نامى.
سەپەر ئاي. * سەپەر ئايدا سەپەرگە چىقما.
ئاھاڭداش سۆزلەر
مىقدار سۆز .
قېتىم، نۆۋەت (كونىرىغان سۆز) .
ئېسىلۇ پەسلەر قوشۇلۇپ قالسا گەر،
پەس تەبىئىتى غالىب كېلەر ھەر سەپەر.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
يۇقىرى دەرىجىلىك دىپلوماتىك ۋەكىل. ئالدىغا «باش» سۆزى قوشۇلۇپمۇ كېلىدۇ.
ئەلچى باتۇر، پالۋان بولۇشى لازىم، دادىل سۆز، بىلىمدان بولۇشى لازىم. ئەلچى دەخلىسىزلىك ھوقۇقىغا ئىگە. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ پاكىستان ئىسلام جۇنھۇرىيىتىدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى پاكىستان زۇڭتۇڭىغا دۆلەت مەكتۇپى تاپشۇردى.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
مىقدار سۆز: ھەرىكەتنىڭ بىرلىكلىرى.
رەت ئورنىنى تاپىدۇ. ئەقىللىق ئادەم بىر تاشقا ئىككى قېتىم پۇتلاشمايدۇ. مەرتەم، مەرتەم _ ئۈچ مەرتەم. كۆپ ئىش قىلىشنىڭ يولى _ ھەر سەپەردە بىرلا ئىشنى قىلىش. ھەر قانداق كىتابنى بىر قۇر ئوقۇپ باقماق زىيانلىق ئەمەس. نەچچە نۆۋەت مەغلۇپ بولساڭمۇ، ئىشىڭ ھەق بولسا ئۇتىسەن.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
بىرەر ئىش ياكى سەيلە - ساياھەت ئۈچۈن بىر يەردىن يەنە بىر يەر (ئادەتتە يىراقراق مۇساپە) گە بارماق.
يول ئازابى - گۆر ئازابى. يول سورىماي يولغا چىقما. ئۆز يولۇڭدىن قالما، كىشىلەر نېمە دېسە دەۋەرسۇن. ھەقىقەت يولىدىكى سەپەرگە يول خېتى لازىم ئەمەس. ئۇزۇن سەپەر مۈشكۈل بولىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
سەپەر ئاي. ھىجرىيىنىڭ 2 - ئېيى، يەنى قەمەرىيە يىل ھېسابىدىكى 2 - ئاي، ئۇ 29 كۈن بولىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
مەلۇم بىر ئىش ياكى زىيارەت ئۈچۈن بىر جايدىن يەنە بىر جايغا بېرىش؛ يول.
ھاتەم ئۆتكەن ئىشلارنى بىرمۇبىر سۆزلەپ بەردى ۋە بۇ قېتىمقى سەپىرىنىڭ مەقسىتىنى دېدى.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
ئەرەبچە
سەپەر قىلغۇچى، سەپەر قىلماق (بۇ يەردە <سەپەر ئېيىدا تۇغۇلغان> دېگەن مەنىدە كېلىدۇ )