Uyghur←ChineseMain Dictionary
سەنئەت تىپى
پسىخولوگىيە
艺术型
yì shù xíng
بۇ پاۋلوۋ ئىككى خىل سىگنال سىستېمىسى ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتكە ئاساسەن بۆلۈنگەن قابىلىيەت تىپى. ئادەملەرنىڭ ھەممىسىدىلا ئىككى خىل سىگنال سىسىتېمىسى بولۇپ، بۇ سىگناللار مۇناسىۋىتىدە ئوخشىماسلىق بولىدۇ. بۇلارنىڭ ئىككىسى تەڭپۇك بولۇشىمۇ، ئۇلاردىن بىرسى ئۈستۈن ئورۇندا تۇرۇشىمۇ مۇمكىن. شۇنىڭغا ئاساسەن پاۋلوۋ قابىلىيەتنى تۈرلۈك تىپلارغا ئاجراتقان. بىرىچى سىگنال سىستېمىسى ئۈستۈن تۇرىدىغانلاردا سەنئەت تىپى ئىپادىلىنىدۇ. بۇلارنىڭ ئالاھىدىلىكى: سىرتتىن ھاسىل قىلغان بىۋاستە تەسىرنىڭ ئېنىق، روشەن، ئىدراك بىلەن خاتىرىسى ئوبرازلىق، خىيالغا باي، جانلىق بولىدۇ. ئىككىنچى سىگنال سىستېمىسى ئۈستۈن ئورۇندىكىلەر تەپەككۇر تىپىگە كىرىدۇ. بۇلارنىڭ ئالاھىدىلىكى: بىلىش جەريانىدا ئانالىز قىلىش بىلەن سىستىملاشتۇرۇشقا، ئابىستراكتلاشلاش بىلەن ئۇمۇملاشتۇرۇشقا مايىل بولۇپ، ئۇقۇم ئارقىلىق ئەقلىي خۇلاسە چىقىرىش، ھۆكۈم قىلىشقا ئۇستا بولىدۇ. ئىككى سىگنال سىستېمىسى تەڭپۇڭ بولغانلار ئارىلىق تىپ ھېسابىلىنىدۇ. بۇ يۇقىرىقى ئىككى خىل تىپنىڭ ئالاھىدىلىكلىرى ئارىلاشقان تىپ بولۇپ، كۆپچىلىك كىشلەر مۇشۇ تىپقا كىرىدۇ. پەقەت ئاز ساندىكى كىشلەر يۇقىرىقى ئىككى خىل تىپقا كىرىدۇ.
ئىستېتىكا,تېببىي
艺术型
yì shù xíng