UyghurMain Dictionary
سەمەرى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
شىئە مەزھىپىنىڭ دىنىي داھىيىسى. ئون ئىككى ئىمام كىچىك غايىب بولغان مەزگىلدىكى تۆتىنچى ۋەكىل. 938 - يىلى ھۈسەين بىننى روھ نەۋ بەختى تەرىپىدىن بەلگىلەنگەن ۋارىسلىق قىلغۇچى ۋەكىل بولۇپ، غايىب ئىمام بىلەن مۆمىنلەر ئوتتۇرىسىدا مەخپىي مۇناسىۋەت قىلىدىغان ۋاستىچى. رىۋايەت قىلىنىشىچە، سەمەرۋى ۋاپات بولۇشتىن ئالتە كۈن بۇرۇن غايىب ئىمامنىڭ چوڭ غايىب بولۇش دەۋرى يېتىپ كەلدى. ۋارىسلىق قىلىدىغان ۋەكىل بەلگىلەشنىڭ ھاجىتى يوق، دېگەن سۆزنى قوبۇل قىلغان. كىچىك غايىب دەۋرى ئۇنىڭ ئالەمدىن ئۆتۈشى بىلەن ئاخىرلاشقان.