UyghurMain Dictionary
سەلكىن
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ھاۋانىڭ يەر ئۈستىدىكى ھەرىكىتى. دەرىجە پەرقى بار.
«بوران» 7 - 8 بالدىن يۇقىرى شامال.
«يەل»، «سەلكىن» ئىللىق، يېنىك شامال.
شامال چىقمىسا، دەرەخ لىڭشىمايدۇ. تۆگىنى شامال ئۇچۇرسا، ئۆچكىنى ئاسماندا كۆر. يەل يەرنى قۇرۇتىدۇ. يەل چىققاندا يەپ يات. قارا مۈشۈك قارىغانغا بوران چىقمايدۇ. ئايرىلغاننى قار باسار، بۆلۈنگەننى بوران. ئارپا - بۇغداي سامانىنى سەلكىن ئايرىيدۇ، ئاتا - ئانا، قېرىنداشتىن ئۆلۈم ئايرىيدۇ. سەلكىن شامال توپلانسا، تەيفېڭ بورىنى بولار.
شىۋىلەر
غۇلجا شىۋىسى
سالقىن شامال، غۇر _ غۇر شامال. مەسىلەن:
ئارپا _ بوغداي سامانىنى
سەلكىن ئايرىيدۇ،
ئۇرۇق _ تۇققان قېرىنداشنى
ئۆلۈم ئايرىيدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئاستا چىققان شامال.
غۇر - غۇر، مەيىن شامال؛ ئارپا - بۇغداي سامانىنى سەلكىن ئايرىيدۇ، ئۇرۇق - تۇغقان قېرىنداشنى ئۆلۈم ئايرىيدۇ.