UyghurMain Dictionary
سەكسەنپۇت
ئاھاڭداش سۆزلەر
بوغۇملۇق قۇرت، ھەر بوغۇمدا بىر جۈپ پۇتى بولىدۇ. بىرىنچى جۈپ پۇتىدا زەھەر بېزى بار.
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
دېھقانچىلىق سايمىنى، ياغاچتىن ياسىلىدۇ، سۆرەم قىلىپ، ئېتىزدا داڭگاللارنى بوشىتىشقا ئىشلىتىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سەكسەن + پۇت
زوئولوگىيە
بۇغۇم ئاياغلىق ھايۋان. تېنى ئۇزۇن ھەم ياپىلاق، دۈمبىسى قارا يېشىل، قورسىقى سارغۇچ قوڭۇر، بېشىدا قامچىسىمان سەزگۈ مۈڭگۈزچىسى بولىدۇ. گەۋدىسى نۇرغۇن بوغۇملاردىن تۈزۈلىدۇ. ھەربىر بوغۇمىدا بىر جۈپتىن پۇتلىرى بولۇپ، بىرىنچى جۈپ پۇتى ئىلمەك كېلىدۇ. ئۇنىڭدا يەنە زەھەر بېزى بولۇپ، زەھەر سۇيۇقلۇقى ئاجرىتىپ چىقىرىدۇ. كىچىك ھاشاراتلار بىلەن ئوزۇقلىنىدۇ. تېبابەتچىلىكتە دورىغا ئىشلىتىلىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سەكسەن + پۇت
ئىسىم
خامان ياكى ئېتىز ئىشلىرىدا ئىشلىتىلىدىغان نۇرغۇن پۇتلۇق ياغاچ تولۇق؛ سەكسەنئاياغ.
كەلكۈننى توسۇش ئۈچۈن ياسالغان نۇرغۇن پۇتلۇق ياغاچ جازا.