UyghurMain Dictionary
سەجدە قىلىنىدىغان ئايەتلەر
بىئولوگىيە
<قۇرئان كەرىم> دىكى بەزى ئايەتلەر كۆزدە تۇتۇلىدۇ. كونكرېت قىلىپ ئېيتقاندا، 7 - سۈرىنىڭ 26 - ئايىتى؛ 13 - سۈرىنىڭ 15 - ئايىتى؛ 16 - سۈرىنىڭ 49 - ئايىتى؛ 17 - سۈرىنىڭ 109 - ئايىتى؛ 19 - سۈرىنىڭ 58 - ئايىتى، 22 - سۈرىنىڭ 18 - ئايىتى؛ 25 - سۈرىنىڭ 60 - ئايىتى؛ 27 - سۈرىنىڭ 26 - ئايىتى؛ 32 - سۈرىنىڭ 15 - ئايىتى؛ 38 - سۈرىنىڭ 24 - ئايىتى؛ 41 - سۈرىنىڭ 38 - ئايىتى؛ 53 - سۈرىنىڭ 62 - ئايىتى؛ 84 - سۈرىنىڭ 20 -، 21 - ئايەتلىرى؛ 96 - سۈرىنىڭ 19 - ئايىتىدىن ئىبارەت مۇشۇ 14 ئايەت ئوقۇلغاندا سەجدە قىلىنىدۇ. مۇشۇ 14 ئايەتنىڭ قايسىبىرى ئوقۇلغاندا مۇسۇلمانلار سەجدە قىلىشى، ئاڭلىغانلارمۇ سەجدە قىلىشى كېرەك.