UyghurMain Dictionary
سەير
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
يۈرۈش، تاماشا، ساياھەت:
مەلەئىكدىن دېمەسمىز بىز داغى سۆز،
سەيرنى كۆر بارىپ، ئاي ساھىبى كۆز.
ناقىس.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
يۈرۈش - كېزىش، يۈرمەك، تاماشا قىلماق.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
كەڭتاشا، ئەركىن _ ئازادە يۈرمەك، دەۋر سۈرمەك.
بىزنىڭ ئۇچقۇچىلىرىمىز كەڭ ئاسماندا لاچىلاردەك جەۋلان قىلماقتا. كەڭ زېمىندا سەير قىل.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
يېزت. ھاردۇق چىقىرىش، كۆڭۈل ئېچىش تاماشا قىلىش ئۈچۈن بىرەر جايدا ئايلىنىش، كېزىش؛ سەيلە، ساياھەت.
سەير ئەتمەك. سەير قىلماق.