UyghurMain Dictionary
سەيىد ئەخمەدخان
دۇنيا تارىخى
(1817 - 1898) ھىندىستان ئىسلام دىنى ئىسلاھاتچىسى، ئىجتىمائىي پائالىيەتچىسى، مائارىپچىسى. دېھلىدا تۇغۇلغان. سودىيە بولغان. ئەرەب تىلى، پارس تىلى ۋە ئىسلام دىنى ئىلاھىيەت تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللانغان. ھىندىستاندىكى ئىسلام مۇرىتلىرى ئارىسىدا دەھرىي مائارىپىنى ئومۇملاشتۇرغان ۋە ئەنگىلىيە مەدەنىيىتىنى كېڭەيتكەن. 1877 - يىلى ئالىگارختا ئەنگلىيە شەرق ئىسلام شۆيۈەنى (بۈگۈنكى ئالىگارخ مۇسۇلمانلار داشۆسى)نى قۇرغان. 1886 - يىلى ئىسلام مائارىپ جەمئىيىتىنى قۇرغان. ئىسلام دىنىغا ئائىت ئىلاھىيەتنىڭ ئايرىم قائىدىلىرىنى غەربنىڭ پەلسەپە ئىدىيىسىگە ماسلاشتۇرۇپ، ئىلىم - پەن بىلەن دىن ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتنى پەسەيتىشكە تىرىشقان ھەمدە ئىجتىمائىي ئىسلاھاتقا دائىر بەزى تەشەببۇسلارنى ئوتتۇرغاقويۇپ، شۇچاغدىكى يېڭى گۈللەنگەن بۇرژۇئازىيەنىڭ مەنپەئىتى ۋە تەلىپىنى ئەكس ئەتتۈرگەن. <ساھابىلارنىڭ سۆزى>، <ھىندىستاننىڭ سىياسىي ئەھۋالى، نۇتۇق ۋە خەت -چەكلەر توپلىمى>، <ھىندىستاندا كەڭ كۆلەملىك قوزغىلاڭ كۆتۈرۈلۈشنىڭ سەۋەبى> قاتارلىق ئاساسلىق ئەسەرلىرى بار