UyghurMain Dictionary
سەھەردىكى ئاي
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
ئىسلام دىنىغا دائىر خەنزۇچە ئەسەر بولۇپ، بۇنى ليۇجى تۈزگەن. ئەسەردە ئاللانىڭ يارىتىشى ۋە ئاللانى تونۇش جەريانىنىڭ پەلسەپىۋى قائىدىسى سەھەردىكى ئايغا ئوخشىتىلغان. ئاينىڭ سەھەردە كۆتۈرۈلۈشى، ھىلال ھالىتى، ئۆرلىشى، گۈزەللىشىشى، تولۇنلىشىشى، نۇر چېچىشى، سۈزۈلۈشى، يارقىنلىشىشى، تىكلىنىشى، پېتىشقا باشلىشى، خىرەلىشىشى، كەمتۈكلىشىشى، پېتىشى، ئولتۇرۇپ كېتىشى قاتارلىق 15 خىل ھالەت ئارقىلىق بىر كېچىنى دەسلىپى، ئوتتۇرىسى، ئاخىرىدىن ئىبارەت ئۈچ قىسىمغا بۆلۈپ، ئىسلام دىنىي پەلسەپىسى ۋە ئستىقامەت تەلىماتى بايان قىلىنغان. ئەسەردە تەرىقەتچىلىك ۋە مىستىتسىزمىلىق تۈس قويۇق بولۇپ، خۇيزۇ مۇسۇلمانلارنىڭ ئۇزۇندىن بۇيانقى ئايغا قاراش تەجرىبىسى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. بۇ ئەسەر رەسمىي نەشر قىلىنماي، قوليازمىسى كەڭ تارقالغان.