UyghurMain Dictionary
سەفا
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
پاكلىق، ساپىلق، تازىلىق:
تىنچلىق، ئاسايىشلىق:
گۈزەللىك.
چۇ تۇفراغى ۋۇجۇدۇڭ بۇتەئى مېھنەتدە كۆيدۈرگىل،
سەفايى زاھىدۇ باتىندە شەرتى كىميا بولماق.
زەلىلى.
گۇلستان غۇررەمۇ خۇش بولدى، ئەمدى بىر نىگار ئىزدە،
تۈزۈپ زەۋقۇ سەفا سازىن شەرابى خۇشكۇۋار ئىزدە.
ھاپىز خارەزمى.
3. سەفا بەرگەھىدا سۇلتان ئولۇپ،
ۋەفاكار گاھىدا بۇرھان بولۇپ.
ئا. نىزارى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
يېقىملىق، تازا، پاك، پاكىز، ساپ؛ يورۇقلۇق، روشەنلىك؛ خۇرسەنلىك؛ مەئىشەت: سەفالىغ - ساپ ھاۋالىق؛ سەفا ئەھلى - ساپ يۈرەك، پاك كۆڭۈللۈك؛ سەفا كەلتۈرمەك - ياخشىلىق كەلتۈرمەك؛ سەفايى ۋەقىت - ئۆز ۋاقتىنىڭ پاك كىشىسى.
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
مەككىنىڭ يېنىدىكى كىچىك تاغنىڭ ئىسمى. مۇسۇلمانلار ھەج تاۋاپ قىلغاندا، بەيتۇللانى ئايلىنىش مۇراسىمىنى تۈگەتكەندىن كېيىن، سەفا تېغى بىلەن مەرۋە تېغى ئوتتۇرىسىدا سەئىي قىلىدۇ.