UyghurMain Dictionary
سەبا
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
يېقىملىق شامال، تاڭ شامىلى:
ئەتىگەن، سەھەر:
1. سەبا خادىنى ئەيلەپ نىش دىلدۇر،
جىگەر خۇن غۇنچەنى ئەيلەر نىھانى.
ئەرشى.
2. دەشت ئۆزرەكى سەير ئۇلەر سەباغە،
بەرگى تازالەر ئۇچار ھەۋاغە.
نەۋايى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
تاڭ ئاتار چاغدا چىقىدىغان مەيىن ۋە يېقىملىق شامال، سابا: بادى سەبا - تاڭ شامىلى.