UyghurMain Dictionary
سىدنېي
دۇنيا تارىخى
(1554 - 1586) ئەنگىلىيىلىك شائىر. ئاقسۆڭەك ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان. لاتىنچە، فرانسۇزچە ۋە ئىتالىيانچىگەپىششىق. ئايال پادىشاھ ئېلزابېتنىڭ ئەتىۋارلىشىغا ئېرىشكەن. ئوفىتسېر ۋە دىپلوماتىيە ئەمەلدارى بولغان، نېدېرلاندىيە بۇرژۇئا ئىنقىلابى مەزگىلىدە 1585 - يىلى 9 - ئايدىكى بىر قېتىملىق جەڭدە يارىلىنىپ ئۆلگەن. ئۇنىڭ ۋەكىللىك ئەسىرى <خىيالىي جەننەت> (ئاكادىيە دەپمۇ تەرجىمە قىلىنغان)دا قىشلاق غەزىلى شەكلىدە مۇھەببەت ۋە تەۋەككۈلچىلىك تەسۋىرلەنگەن، <شېئىر ھەققىدە مۇنازىرە>دېگەن ئىلمىي ماقالىسىدە پۇرىتانلارنىڭ سەنئەتنى ئىنكار قىلىدىغان نۇقتىئەنەزەرىگە رەددىيە بېرىلگەن، كلاسسىزملىق پرىنسىپى مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەن. بۇنىڭدىن باشقا <ئاستلوفېر بىلەن سىدەيرا> ناملىق 14 مىسرالىق شېئىرلار توپلىمى بار.
دۇنيادىكى شەھەرلەر
ئاۋسترالىيىنىڭ ئەڭ چوڭ سانائەت مەركىزى، مۇھىم پورتى، دۆلەتنىڭ ئەڭ چوڭ ئىقتىساد، قاتناش ۋە سودا مەركىزى. بۇ شەھەر قۇرۇقلۇققا 20 كىلومېتىر ئىچكىرىلەپ كىرگەن جېكسون قولتۇقىنىڭ ئىككى تەرىپىگە جايلاشقان. 1150 مېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى تۆمۈر يول كۆۋرۈكى ئارقىلىق قولتۇقنىڭ ئىككى تەرىپى بىر - بىرىگە تۇتىشىپ تۇرىدۇ. شەھەر مەيدانى 1735 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، ئاھالىسى شەھەر رايونلىرى بىلەن قوشۇلۇپ 3 مىليوندىن ئاشىدۇ. سىدنېي شەھىرى ئاۋسترالىيىنىڭ ئىقتىسادىدا ناھايىتى مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ. ئۇنىڭ ماشىنىسازلىق سانائىتى تەرەققىي قىلغان بولۇپ، ئاساسەن پاراۋۇز، سوستاپ، پاراخوت، ئاپتوموبىل، ئايروپىلان، گېنېراتور ۋە ھەرخىل يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى ئىشلەپچىقىرالايدۇ. نېفىت ئايرىش، خىمىيە، توقۇمىچىلىق، يېمەك - ئىچمەك، نەشرىياتچىلىق قاتارلىق سانائەتلەرمۇ ناھايىتى زور دەرىجىدە تەرەققىي قىلغان. سىدنېي ئاۋسترالىيىنىڭ ئەڭ چوڭ قاتناش تۈگۈنى، ئاتاقلىق مەدەنىيەت مەركىزى. سىدنېي شەھىرى تۆمۈريول، تاشيوللار ئارقىلىق دۆلەتنىڭ باشقا شەھەرلىرى بىلەن تۇتىشىپ تۇرىدۇ. قەرەللىك ھالدا دېڭىز، ھاۋا قاتنىشى ئارقىلىق ئەنگلىيە، ئا ق ش، يېڭى زېللاندىيە قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن بېرىش - كېلىش قىلىدۇ. سىدنېي پورتى ئارقىلىق بۇغداي، قوي يۇڭى، گۆش، توقۇمىچىلىق مەھسۇلاتلىرى ئېكسپورت قىلىنىدۇ. سىدنېي پورتىنىڭ يۈك توشۇش ئىقتىدارى دۆلەت بويىچە بىرىنچى ئورۇننى ئىگىلەيدۇ.