Uyghur←ChineseMain Dictionary
سىدامولار
Domain: دۇنيادىكى مىللەتلەر锡达莫人
xī dá mò rén
سىدامولار ئېفىئوپىيىدە ياشىغۇچى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ئاساسەن سىدامۇ ئۆلكىسىدە توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان، نوپۇسى 1 مىليوندىن كۆپرەك، ئۇلار مەملىكەت نوپۇسىنىڭ 5.2 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدۇ.
سىدامولار نېگىر ئىرقىنىڭ ئالامەتلىرىگە ئىگە ھەبەش ئىرقىنىڭ سۇدان تىپىغا كىرىدۇ، سىدامولار قەدىمكى قۇشتلارنىڭ بىر تارمىقى بولۇپ، داراسا، ئالابا، خادىي، تەنبارو ۋە كامباتا قاتارلىق تارماقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
سىدامولار سام - ھام تىللىرى سىستېمسى قۇشت تىللىرى گۇرۇپپىسىغا تەۋە سىدامو تىلىنى قوللىنىدۇ، مىللىي يېزىقى يوق.
سىدامولار ئاھالىسىنىڭ كۆپ قىسمى ئەنئەنىۋى ئېتىقادىنى ساقلاپ قالغان، ئاز بىر قىسمى ئىسلام دىنىنىڭ كوپتى مەزھىپىگە ئېتىقاد قىلىدۇ، سىدامولار ئافرىقا تۇمشۇقى رايونىدا ئەڭ بۇرۇن يېزا ئىگىلىك مەدەنىيىتىنى بەرپا قىلغان مىللەت بولۇپ، ئاساسەن دېھقانچىلىق قوشۇمچە چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، دېھقانچىلىقتا دانلىق زىرائەت بىلەن بانان، قەھۋە ئۆستۈرىلىدۇ.
سىدامولار بىر ئەر كۆپ خوتۇنلۇق بولۇش نىكاھ تۈزۈمىنى يولغا قويغان، ئوغۇل - قىزلىرىنىڭ سۈننىتىنى قىلدۇرىدۇ.
ئاتا جەمەت بويىچە نەسەب ھېسابلاپ، مال - مۈلۈككە ۋارىسلىق قىلىش يولغا قويۇلغان.
About this entry
This is a Uyghur–Chinese dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.
This word also appears under other sources in Lughet's collection — see the list below.