Uyghur←ChineseMain Dictionary
سىبىرىيە خانلىقى
دۇنيا تارىخى
西伯利亚汗国
xī bó lì yà hàn guó
غەربىي سىبىرىيەنىڭ ئۇرال تاغ تىزمىلىرىنىڭ شەرقىدىن توبول دەرياسىنىڭ قىرغاقلىرىغىچە بولغان رايونلاردا تاتالار قۇرغان فېئوداللىق دۆلەت. ئەسلى ئالتۇن ئوردا خانلىقىغا تەۋە بولغان. ⅤⅩ ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا مۇستەقىل بولغان. لېكىن ئىچكى قىسىمدا بىر مۇنچە فېئودال خوجا يەرلىرىگە بۆلۈنۈپ كېتىپ، سىياسىيبىرلىك كەم بولغان. 1555 - يىلى موسكۋا كىنەزلىكىگە بېقىنىشقا مەجبور بولغان. كۇچۇمخان (تەخمىنەن 1563 - 1598) تەختكە چىققاندىن كېيىن، روسىيەنىڭ كونتروللىقىدىن قۇتۇلۇشقا تىرىشقان. 1581 - يىلى روسىيە يېرماك تىموفېۋىچنى كازاك ياللانما ئەسكەرلىرىنى باشلاپ سىبىرىيە خانلىقىغا بېسىپ كىرىشكە ئەۋەتكەن. ئىككىنچى يىلى پايتەخت سىبىر (يەنە بىر قىسمى ئىسكېر)نى ئىشغال قىلغان. كۇچۇم خان يايلاققا چېكىنىپ كەتكەن. 1584 - يىلى كۇچۇم خان لەشكەر تارتىپ چىقىپ، قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتكەن. ئىككىنچى يىلى يېرماكيېڭىلىپ، ئېرتىش دەرياسىغا چۆكۈپ ئۆلگەن، قالدۇق لەشكەرلىرى تارقىلىپ كېتىشكە مەجبور بولغان. 1598 - يىلى سىبىرىيە خانلىقىنى روسىيە قوشۇۋالغان.
تارىخ
《西伯利亚汗国》
《xī bó lì yà hàn guó 》