Uyghur←ChineseMain Dictionary
سائوماكوس
Domain: دۇنيا تارىخى索马克
suǒ mǎ kè
(مىلادىدىن ئىلگىرى Ⅱ ئەسىر) بوسفور پادىشاھلىقى (قارا دېڭىزنىڭ شىمالىي قىرغىقى)دىكى قۇللار قوزغىلىڭىنىڭ باشلىقى. مىلادىدىن 109 يىل ئىلگىرى، پادىشاھلىقنىڭ ئاخىرقى پادىشاھى پائېرىسادېس Ⅴ ھاكىمىيەتنى پونتوس پادىشاھى مىترىدات Ⅵ كە ئۆتكۈزۈپ بەرگەن. قۇل ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان سىكتاي سائۇماكوس شۇ يەردىكى سىكتايلار ۋە نۇرغۇنلىغان قۇللارنى باشلاپ قوراللىق قارشىلىق قىلىپ، پادىشاھ پائېرىسادېسنى ئۆلتۈرۈپ ئۆزى پادىشاھ بولغان ھەمدە پونتوسلارنىڭ گېنرالى دىئوفانتوسنى قوغلاپ چىقارغان. پۇل قويغۇزغان، ئۇنىڭغا سائوماكوسنىڭ ئىسمى ۋە سۈرىتى چۈشۈرۈلگەن (بۇ پۇل ھازىرغىچە ساقلانماقتا). قوزغىلاڭ بىر يىلغىچە داۋام قىلىپ، ئاخىر يېڭىۋاشتىن كەلگەن دىئوفانتوس تەرىپىدىن باستۇرۇلغان. سائۇماكوس قولغا ئېلىنىپ قۇربان بولغان. بوسفور پونتوس پادىشاھلىقىغا قوشۇۋېتىلگەن.
About this entry
This is a Uyghur–Chinese dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.
This word also appears under other sources in Lughet's collection — see the list below.