Chinese→UyghurMain Dictionary
萨伊
دۇنيا يەر - جاي ناملىرى
sà yī
ساي
萨伊〈马里,尼日尔,苏丹〉
sà yī
ساي
دۇنيا تارىخى
ساي
(1767 - 1862) فرانسىيىلىك ئىقتىسادشۇناس، چاكىنا سىياسىي ئىقتىسادنىڭ ۋەكىلى. لېئاندىكى سودىگەر ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان، ئەنگىلىيىدە سودىگەرچىلىك تەربىيىسىنى ئالغان. 1790 - يىلى <پروۋېنسې خەۋەرلىرى> ژورنىلىغا ماقالە يېزىپ تۇرغان. 1794 - يىلى <پەلسەپە، ئەدەبىيات - سەنئەت ۋە سىياسىي ئون كۈنلۈك گېزىتى>گە تەھرىرلىك قىلغان. ئىجرائىيە ھۆكۈمەت مەزگىلىدەبىر مەھەل مالىيە مىنىستىرلىكىدە ۋەزىپە ئۆتىگەن. تىرىلىش دەۋرىدە ئەنگىلىيىگە ئىقتىسادنى كۈزىتىشكە ئەۋەتىلگەن ھەمدە ئىقتىسادشۇناسلىق پروفېسسورى بولغان. ئۇ ئادام سېمىت تەلىماتىنىڭ چاكىنا قىسمىنى تەرەققى قىلدۇرۇپ، ئىشلەپچىقىرىشنى ئابستراكىت، ئومۇمىي ماددى نەرسىلەر ئىشلەپچىقىرىشى دەپ قارىغان، ئۇنىڭدىكى ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتنى چىقرىپ تاشلىغان؛ ئەمگەك، كاپىتال ۋە يەر ئىشلەپچىقىرىشنىڭ ئۈچ ئامىلىنى ھاسىل قىلىدۇ، ئۇلارنىڭ ھەربىرى ئىشلەپچىقرىش جەريانىدا مەلۇم دەرىجىدە مۇلازىمەت قىلىدۇ، ئۈنۈم يارىتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن قىممەت يارىتىلىدۇ؛ ئىش ھەققى، پايدا ۋە يەر ئىجارىسى بولسا ئەمگەك، كاپىتال ۋە يەرلىك مۇلازىمەت ھەققى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ، دەپ قارىغان، كاپىتالىزم جەمئىيىتىدە سىنپىي قارىمۇ قارشىلىقنىڭ مەۋجۇتلىقىنى ئىنكار قىلغان. شۇنداقلاسىياسىي ئىقتىسادنى ئىشلەپچقىرىش، تەقسىمات ۋە ئىستىمال دېگەن ئۈچ قىسىم (ئۈچكە بۆلۈش ئۇسۇلى)غا ئايرىغان. بۇ نەزىرىيىلەرنى بۇرژۇئا چاكىنا ئىقتىسادشۇناسلىرى ئومۇميۈزلۈك قوبۇل قىلغان. ئۇنىڭ ئاساسىي ئەسەرلىرى:<سىياسىي، ئىقتىساد توغرىسىدا>، <سىياسىي، ئىقتىساد دەرسلىكى> قاتارلىقلار.