UyghurMain Dictionary
ساختىپەز
مەنىداش سۆزلۈكلەر
سەمىمىي - راستچىل ئەمەس شەخس.
<قاپىلاڭ> ئىلى شېۋىسىدە قوللىنىلىدۇ.
يالغانچى يالجىماس، ئوغرى بېيىماس. يالغانچى ئادەم ئەمەس. ساختىپەز ناداننى تاپىدۇ، دانادىن قاچىدۇ. رىياگەر باشقىلارنى رىيا بىلەن ئالدايدۇ، كېيىن رىيا بىلەن ئالدىنىدۇ.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
يالغان سۆزلەيدىغان، ساختا ئىش قىلىدىغان.
راستچىل، راستگۇي
راست سۆزلەيدىغان، راست ئىش قىلىدىغان.
تەقدىر راستچىل ئادەمنى ھاقارەتكە قويماس. يالغانچى يالجىماس، ئوغرى بېيىماس. يالغانچىنى سۆزىدىن بىل، بىلەلمىسەڭ كۆزىدىن بىل. ساختىپەزنىڭ قۇيرۇقى بىر تۇتام.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
يالغانچىلىق، ئالدامچىلىق بىلەن ئىش قىلىدىغان، باشقىلارنى ساختا قىلىدىغان كىشى.
ساختىپەز ناداننى تاپىدۇ، بىلىملىكتىن قاچىدۇ (ماقال).
ئەسلىدە سىز ئۆتۈپ كەتكەن ساختىپەز ئادەم ئىكەنسىز.