Uyghur←ChineseMain Dictionary
ساۋىنى
دۇنيا تارىخى
萨维尼
sà wéi ní
(1779 - 1861) گېرمانىيىلىك قانۇنشۇناس، قانۇن تارىخشۇناسلىرىنىڭ ئاساسىي ۋەكىلى. 1800 - 1804 - يىللىرى ماربۇرگ داشۆسىدە ئوقۇپ دوكتۇر ئۇنۋانىنى ئالغان. قەدىمكى يۇنان، رىم مەدەنىيىتى، بولۇپمۇ رىم قانۇنىغا پىششىق. 1810 - 1842 - يىللىرى بېرلىن داشۆسىنىڭ پروفېسسورى بولغان. 1842 - 1848 - يىللىرى پرۇسسىيە قانۇن چىقىرىش ۋەزىرى بولغان. 1814 - يىلى <دەۋرىمىزنىڭ قانۇن چىقىرش ۋە قانۇنشۇناسلىقتىكى بۇرچى> دېگەن مۇھىم ماقالىسىنى ئېلان قىلغان، ئۇنىڭدا قانۇن مەلۇم بىرخىل سىرلىق، سېتخىيلىك <مىللىي روھ> نىڭ تەرەققىيات نەتىجىسى دەپ قارىغان. گېرمانىيە ھەق تەلەپ قانۇنلىرىنى توپلاشقا قارشى تۇرغان، قانۇن دۆلەت ھاكىمىيىتىدىن كېلىپ چىققان ئەمەس؛ قانۇنشۇناسلارنىڭ ۋەزىپىسى <مىللىي ئاڭ>نى شەرھلەش ھەمدە ھازىرقى قانۇنلارنى ئۇنىڭغا ماسلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت، دەپ قارىغان. 1815 - يىلى <تارىخىي قانۇنشۇناسلىق ژورنىلى>نى تەسىس قىلغان، قانۇن تارىخشۇناسلىقنى بەرپا قىلغان. ئۇنىڭ ئاساسىي ئەسەرلىرى <ئوتتۇرا ئەسىردىكى رىم قانۇنى تارىخى>، <ھازىرقى زامان رىم قانۇنى سېستىمىسى> ۋە ئەسەرلەر توپلىمى قاتارلىقلار.