UyghurMain Dictionary
ساۋاق
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
دەرس.
ساۋاق بەرمەك. * ساۋاق ئالماق. * مەكتىپىم پۈتمەس بۇلاق، بېرىدۇ پەندىن ساۋاق (ماقال) .
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
ئىبرەت.
ئاچچىق ساۋاق. * تارىخىي ساۋاق. * بۈگۈنكى ئىش ماڭا يەنە بىر ساۋاق بولدى. * بىرىنچى قېتىم يىقىلماق، ئىككىنچى قېتىمغا ساۋاق.
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
يۇڭ، پاختا ئاتقاندا ساۋايدىغان ساۋاق.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
مەكتەپلەردە ئوقۇشنىڭ بۆلەكلىرى.
دەرسلىك، دەرس ۋاقتى، دەرس تېكىستى. دەرس تەكرارلىمىساڭ، دەرد بولىدۇ. ھاياتنى ئۆتكۈزسە ئۆگىنىپ ساۋاق، ئۇستىمۇ، شاگىرتمۇ خۇشال ھەممە ۋاق.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
بولغان ۋەقە، ھادىسە، ئىش - ھەرىكەتتىن ئېلىشقا تېگىشلىك تەجرىبە، ئۈلگە.
ئۆزگىدىن ئىبرەت ئالمىغاندىن باشقىلار ئىبرەت ئالار. نادان سۆزلەر، دانا ئىبرەت ئالار. ھايات ساۋاقلىرىنى قىلالمىسا ياد، ئۇنى ئۆگىتەلمەس ھېچقانداق ئۇستات. ئاچچىق تەجرىبە - كۈچلۈك ساۋاق.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
ئوقۇتۇش پائالىيىتى داۋامىدا دەرسلىك ياكى ماتېرىياللارنىڭ بەلگىلىك ۋاقىت ئىچىدە ئۆتۈلىدىغان بۆلىكى، دەرس.
ساۋاق ئالماق. ساۋاق بەرمەك.
مەن ياسايمەن، سەن ئاۋارە بولما، سەن موللامنىڭكىگە بېرىپ ساۋىقىڭنى يادلاۋەرگىن.
كۆچمە. ئوڭۇشسىزلىقلاردىن يەكۈنلەنگەن، ئىبرەت ئۈچۈن پايدلىنىدىغان سەلبىي تەجرىبە؛ ئىبرەت.
قادىرلارنىڭ ئائىلىسىنىڭ نىكاھ تۈپەيلىدىن ۋەيران بولغانلىق پاجىئەسى بۇنىڭغا بىر جانلىق ساۋاق.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
<ساۋۇق>