Uyghur←ChineseMain Dictionary
ساتراپىيە
Domain: دۇنيا تارىخى萨图拉皮亚
sà tú lā pí yà
مەنىسى مەمۇرىي ئۆلكە دېگەنلىك. قەدىمكى پېرسىيە ئىمپېرىيىسىدىكى ئۆلكىنىڭ ئاتىلىشى. دارىئوس Ⅰ دەۋرىدىن باشلاپ بەرپا قىلىنغان. ئومۇمەن ئاھالىنىڭ ئىرقىي تەركىبى ۋە تارىختا شەكىللەنگەن رايون بويىچە ئايرىلغان. بۇنىڭ بىلەن ئېمپېرىيەنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا پايدىلىق بولغان. پۈتۈن ئىمپېرىيە 23 ئۆلكە رايونغا ئايرىلغان (بېخستون قىيا يېزىقىغا قارىغاندا) 92 ئۆلكە رايون دىگەن ماتىرىيالمۇ بار. ئۆلكە رايوننىڭ ھۆكۈمرانى ساتراپ يەنى باش ۋالىي دەپ ئاتالغان، ئۇ مەمۇرىي، ئەدلىيە ۋەباج ئېلىش چوڭ ھوقۇقىنى ئىگەللىگەن، يارچەن قويغان، ئۇنىڭدىن باشقا ھەربىي رايون تەسىس قىلىنغان، ھەربىي ئىشلار ئەمەلدارى تۇرۇشلۇق ئارمىيىگە قوماندانلىق قىلغان، باش ۋالىي بىلەن ھەربىي - مەمۇرىي ھوقۇقنى بۆلۈشىۋېلىپ، بىر - بىرىنى تىزگىنلىگەن. باش ۋالىي بىلەن ھەربىي ئىشلار ئەمەلدارىنى پادىشاھ تەيىنلىگەن، ئۇلار پادىشاھقا قارىغان. شۇنداقلا يېقىنلىرىنى يەنى <پادىشاھنىڭ كۆز - قۇلاقلىرى> نى ئەۋەتىپ، جايلاردىكى ھەربىي - مەمۇرىي پائالىيەتلەرنى يوشۇرۇن نازارەت قىلىپ تۇرغان، ھەرقايسى ئۆلكە رايونلىرى (پېرسىيە ئۆلكىسى بۇنىڭ سىرتىدا) ھەريىلى مەركەزگە مەلۇم سېلىق تاپشۇرغان، ئۇمۇمىي مىقدارى 14 مىڭ 560 تالانتونغا يەتكەن (جەمئىي 400 توننىدىن ئارتۇق كۈمۈش بولىدۇ). كېيىن سېلېئۇسى، ئارساك ۋە ساسسانىيلار سۇلالىسى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى مۇشۇ تۈزۈمنى قوللانغان.
About this entry
This is a Uyghur–Chinese dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.
This word also appears under other sources in Lughet's collection — see the list below.