Uyghur←ChineseMain Dictionary
ساتياگراخا ھەرىكىتى
Domain: دۇنيا تارىخى萨蒂亚格拉哈运动
sà dì yà gé lā hā yùn dòng
گەندى بەرپا قىلغان غەيرىي زورلۇق كۈچ بىلەن قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى. <ساتياگراخا> نىڭ مەنىسى <ھەقىقەتتە چىڭ تۇرۇش> دېگەنلىك،شۇڭا يەنە <ھەقىقەتتە چىڭ تۇرۇش ھەرىكىتى>دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇنىڭ ئاساسىي پرىنسىپى ھەرقانداق زورلۇق كۈچ ئىشلىتىشكە قارشى تۇرۇش، رەزىللىككە غەيرىي زورلۇق كۈچ بىلەن قارشىلىق كۆرسىتىش، قارشى تەرەپنىڭ كۆڭلىنى مەنىۋى كۈچ بىلەن قايىل قىلىشتىن ئىبارەت. بۇ گەندى مەسلىكىنىڭ ئاساسىي مەزمونى. 1894 - يىلى گەندى جەنۇبىي ئافرىقىدا بۇ ھەرىكەتنى تۇنجى قېتىم قوزغاپ، ھىندىئانلارغا قارىتىلغان ئىرقىي كەمسىتىشكە قارشى تۇرغان. 1920 - يىلى، گەندى بۇ ھەرىكەتنى ھىندىستاندىكى ئەنگىلىيەنىڭ مۇستەملىكىچىلىك ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى كۈرەشتە قوللىنىپ، پۈتۈن ھىندىستان بويىچە ھەمكارلاشماسلىق ھەرىكىتىنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، ھىندىستان مىللىي ھەرىكىتىنى غايەت زور دەرىجىدە ئىلگىرى سۈرگەن. لېكىن غەيرىي زورلۇق كۈچ مەسلىكى مىللىي ھەرىكەتكە مەلۇم پاسسپ تەسىرلەرنىمۇ كۆرسەتكەن.
About this entry
This is a Uyghur–Chinese dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.
This word also appears under other sources in Lughet's collection — see the list below.