Uyghur←ChineseMain Dictionary
سارتسىن قوغداش جېڭى
دۇنيا تارىخى
蔡里津保卫战
cài lǐ jīn bǎo wèi zhàn
سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ئىچكى ئۇرۇشى مەزگىلىدە قىزىل ئارمىيىنىڭ سارتسىننى قوغداش يۈزىسىدىن ئېلىپ بارغان جەڭ. 1918 - يىلى ئىچكى ئۇرۇش باشلانغاندىن كېيىن دون دەرياسى رايونىنى بېىسىپ ياتقان كراسنوۋ باشچىلىقىدىكى ئاق گۋاردىيە ئارمىيىسى سارتسىننى بېسىۋېلىپ، شىمالىي كاپكازدىن روسىيەنىڭ مەركىزى رايونىغا بارىدىغان ئاشلىق توشۇش لىنىيىسىنى ئۈزۈپ تاشلاپ، موسكۋاغا ھۇجۇم قىلىدىغان يولنى ئېچىش كويىدا بولغان. 7 - ئاينىڭ ئاخىرىدا، دۈشمەن ئارمىيىسى قىزىل ئارمىيىدىن ئىككى ھەسسە كۆپ ئەسكىرىي كۈچ بىلەن ھۇجۇم قىلغان. 8 - ئاينىڭ 8 - كۈنى، ئۈچ تەرەپتىن سارتسىننى مۇھاسىرىگە ئالغان. ستالىنروسىيە كوممونىستىك پارتىيىسى (ب) مەركىزىي كومىتىتىنىڭ تاپشۇرۇقى بىلەن شۇ شەھەردىكى ھەربىي ۋە خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ باتۇرانە قوغداش ئۇرۇشىنى ئېلىپ بارغان. قىزىل ئارمىيە 8 - ئاينىڭ 21 - كۈنى قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتۈپ، دۈشمەننى دون دەرياسىنىڭ قىرغىقىغىچە چىكىندۈرگەن. 10 - ئاينىڭ 14، 15 - كۈنلىرى كراسنوۋ پۈتۈن ئەسكىرىي كۈچىنى ئىشقا سېلىپ سارتسىننى يېڭىۋاشتىن قورشىۋالغان. دېنىكىن شىمالىي كاپكاز تەرەپتىن ئۇنىڭغا ماسلىشىپ بەرگەن. بىرقانچە كۈن جىددىي جەڭ قىلىش ئارقىسىدا، دۈشمەن يەنە بىر قېتىم مەغلۇپ بولغان. 1919 - يىلنىڭ بېشىدا، دېنىكىننىڭ ئۈچىنچى قېتىملىق ھۇجۇمىمۇ قىزىل ئارمىيە تەرىپىدىن تارمار قىلىنغان. بۇ جەڭنىڭ غەلىبىسى جەنۇبىي سەپنى تۇراقلاشتۇرۇپ، مەركىزىي رايوننىڭ ئاشلىق تەمىناتىنى كاپالەتكە ئىگە قىلغان. ستالىننىڭ تۆھپىسىنى تەقدىرلەش ئۈچۈن سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتى 1925 - يىلى سارتسىننىڭ نامىنى ستالىنگراد (1961 - يىلى ۋولگىگراد دەپ ئۆزگەرتىلگەن) قىلىپ ئۆزگەرتكەن.