UyghurMain Dictionary
سارتر
دۇنيا تارىخى
(1905 - 1980)فرانسىيلىك يازغۇچى، پەيلاسوپ ۋە ئوبزورچى. مەۋجۇدىيەتچىلىكنىڭ ئاساسچىسى. پارىژدا دېڭىز ئارمىيەئوفىتسىرى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1929 - يىلى پارىژ ئالىي سىفەنىنى پۈتتۈرگەن، كېيىن گېرمانىيەگە بېرىپ ئوقۇغان. پارىژ داشۆسى،خارۋارد داشۆسىدە پروفېسسور بولغان. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە، فرانسىيىدىكى قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتىگە ئاكتىپ قاتناشقان. 1945 - يىلى ئۆزىنىڭ سوتسىيالزمنى تەشۋىق قىلىدىغان <ھازىرقى زامان> ژۇرنىلىنى تەسىس قىلغان. 50 - يىللاردا، تىنچلىقنى قولغا كەلتۈرۈش، مۇستەملىكىچىلىككە ۋە ئىرقچىلىققا قارشى تۇرۇشنى مەقسەت قىلغان تەرەققىيپەرۋەرلىك ھەرىكىتىنى قوللىغان. سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ۋېنگرىيە ۋە چېخوسلوۋاكىيىگە ئەسكەر چىقىرىشىغا قارشى تۇرغان. كېيىن 1968 - يىلدىكى فرانسىيە ئىنقىلابىي ھەرىكىتىنىڭ تەسىرى ئارقىسىدا، تەۋەككۈلچىلىك تەرەپكە ئۆتۈپ كەتكەن. تەرجىمىھال شەكلىدىكى <سۆز> رومانى ئۈچۈن 1964 - يىلى نوبېلئەدەبىيات مۇكاپاتى بېرىلگەن، لېكىن قوبۇل قىلغىلى ئۇنىمىغان. ھاياتىدا نۇرغۇن ئەسەرلەرنى يازغان. ئاساسىي ئەسەرلىرى <يىرگىنچ>، <مەۋجۇتلۇق ۋە مەۋھۇملۇق>، <مەۋجۇدىيەتچىلىك بىرخىل ئىنسانپەرۋەرلىكتۇر>، <ھۆرمەتكە لايىق پادىشاھ>، <ھۆرلۈك يولى> ۋە <قوزغىلاڭ ھامان يوللۇق> قاتارلىقلار.