UyghurMain Dictionary
سارگېن
دۇنيا تارىخى
(1856 - 1925) ئامېرىكىلىق پورتېرت رەسسامى، ئىتالىيىدە تۇغۇلغان.فلورېنسىيە گۈزەل - سەنئەت ئىنىستىتۇتىدا ئوقۇغان. ئىتالىيە، فرانسىيە، گېرمانىيە، ئىسپانىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە زور مىقداردا تەسۋىرىي سۈرەتلەرنى سىزىپ چىققان. 1876 - يىلى ئامېرىكىغا بارغان، شۇيىلى ئامېرىكا تەۋەلىكىگە ئۆتكەن. ئۇنىڭ ئەسەرلىرى تۇنجى قېتىم 1877 - يىلى پارىژدا كۆزگەزمە قىلىنىپ، شۆھرەت قازانغان. 1885 - يىلى لوندونغا بارغان. ئۇ كۆپرەك يۇقىرى تەبىقىلەر ئۈچۈن پورتېرىت سىزىپ بەرگەن. 1889 - يىلى ئامېرىكىغا قايتىپ كەلگەن. بوستون كۇتۇپخانىسىنىڭ زور تىپتىكى تام سۈرەتلىرىنى سىزىپ چىققان، بوستون موزىيىغىمۇ زىننەت رەسىملىرى سىزىپ بەرگەن. 1910 - يىلى ئىتالىيىگە كېلىپ، سۇ بوياق بىلەن ئالپ تېغىنى سۈرەتلەپ چىققان. ئۇنىڭ ئاساسلىق ئەسەرلىرىدىن: <جازلېبولىستېلنىڭ سۈرىتى>، <ئاچا - سىڭىل ۋېنھامنىڭ پورتېرىتى>، <بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىكى گېنرال> قاتارلىقلار بار.