Uyghur←ChineseMain Dictionary
سارغىيىش ھادىسىسى
بىئولوگىيە
黄化现象
huánghuàxiànxiàng
ئۆسۈملۈكلەرنىڭ يورۇقلۇق يېتىشمىگەن ياكى قاراڭغۇدا ئۆسكەندە خلوروفىل ھاسىل قىلالماي سارغىيىش ياكى باشقا ھالەت ئۆزگەرتىش ھادىسىسىنى كۆرسىتىدۇ. سارغايغان ئۆسۈملۈك تۈپىنىڭ بوغۇم ئارىلىقىدىن ئۆسۈشى تېز بولىدۇ، يوپۇرماق ئالقىنى ئېچىلمايدۇ، مېخانىكىلىق توقۇلمىسى تەرەققىي قىلمايدۇ، غولى ئىنچىكە ھەم يۇمشاق بولىدۇ. قوش پەللىلىك ئۆسۈملۈكلەرنىڭ سارغايغان مايسىسىنىڭ يۇمران بىخى ئەگرىلىشىپ ئىلمەكلىشىپ قالىدۇ. پەللە يوپۇرمىقى يوغىنىمايدۇ، تاق پەللىلىك ئۆسۈملۈكلەرنىڭ سارغايغان مايسىسىنىڭ تۆرەلمە ئوقى ئۇزىرايدۇ، يوپۇرماق ئالىقىنى تار، ئۇزۇن بولىدۇ. ئاجىز نۇر مايسىنىڭ سارغىيىش ئالاھىدىلىكىنى ئۆزگەرتىپ يوپۇرماق ئالىقىنىنى ئاچىدۇ ۋە كۆكەرتىدۇ. سارغىيىش ھادىسىسى ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسىدا كەڭ كۆلەمدە مەۋجۇت بولۇپ، ئۇ مۇھىتقا ماسلىشىشتا ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. مەسىلەن، ئۇرۇق ياكى باشقا ئۇزارغۇچى ئورگان يورۇقلۇق بولمىغان تۇپراق قەۋىتىدە بىخلانغاندا ئۆزىدىكى چەكلىك ئوزۇقلۇقنى ئەڭ ئۈنۈملۈك ھالدا غولىنىڭ ئۇزىرىشى ئۈچۈن ئىشلىتىدۇ، بۇنىڭ بىلەن مايسا تۇپراقنى يېرىپ چىقىدۇ، يوپۇرماق ئېچىلىپ فوتوسىنتېز ئېلىپ بارىدۇ، بۇ ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ياشىشىغا پايدىلىق. كىشىلەر بەزى ئۆسۈملۈكلەرنىڭ يورۇقلۇق بولمىغان ئورۇندا سارغايغان مايسىنى ھاسىل قىلىشتىن پايدىلىنىپ ئۇلارنىڭ ئىقتىسادىي قىممىتىنى ئۈندۈرمىسى، سېرىق كۈدە قاتارلىقلار يۇمران ۋە تەملىك يېمەكلىك بولۇپ، ئوزۇقلۇق قىلىنىدۇ.
ئورمانچىلىق,باغۋەنچىلىك
黄化现象
huáng huà xiàn xiàng