UyghurMain Dictionary
ساردېس
دۇنيا تارىخى
كىچىك ئاسىيانىڭ غەربىدىكى قەدىمىي شەھەر. لىدىيە پادىشاھلىقىنىڭ پايتەختى. ھېرمۇس دەرياسى (ھازىرقى تۈركىيىنىڭ غەربىدىكى گىدىس دەرياسى) ئوتتۇرا ئېقىنىدىكى سايغا جايلاشقان. تەخمىنەن مىلادىدىن 1000 يىل ئىلگىرىكى مەزگىلنىڭ باشلىرىدا قۇرۇلغان، شەرق - غەرب ئوتتۇرىسىدىكى مۇھىم قاتناش ئورنى بولۇپ، كىچىك ئاسىيانىڭ غەربىدىكى يۇنان شەھەرلىرى بىلەن قۇيۇق ئالاقە قىلىپ كەلگەن، قول ھۈنەرۋانچىلىك، سودا ئىشلىرى تېز راۋاجلانغان، ئۆز بايلىقى بىلەن داڭق چىقارغان. مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅶ ئەسىردىن باشلاپ تەڭگە قويغان. مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅶ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدا سىممېرىئانلارنىڭ ھۇجۇمى ۋە بۇزغۇنچىلىقىغا ئۇچرىغان، كېيىن قايتىدىن قۇرۇلغان. مىلادىدىن 564 يىل ئىلگىرى پېرسىيە پادىشاھى كۇرۇس ساردېسنى يېڭىپ، ئۇنى پېرسىيە زېمىنىغا قوشۇۋالغان، لىدىيە پادىشاھلىقىمۇ ھالاك بولغان. ئۇنىڭدىن كېيىن ئارقا - ئارقىدىن پېرسىيە، ماكېدونىيە، رىم قاتارلىق دۆلەتلەرگە بېقىنغان. خرىستىئان دىنى ئەۋج ئالغاندىن كېيىن، كىچىك ئاسىيادىكى يەتتە چېركاۋ تۇرۇشلۇق جاينىڭ بىرى بولغان، لېكىن ئۇ ئىلگىرىكى مۇھىملىقىنى يوقاتقان