Uyghur←ChineseMain Dictionary
ساڭراۋ قۇلاق
Domain: بىئولوگىيە木耳
mùěr
قارا ساڭراۋ قۇلاق دەپمۇ ئاتىلىدۇ. زەمبۇرۇغلار تىپى، بازىدىيىلىك زەمبۇرۇغلار سىنىپى، ساڭراۋ قۇلاق ئائىلىسىگە كىرىدۇ. خالتىلىق سپورا تېنى نېپىز بولۇپ، تەركىبىدە كوللۇئىد كۆپ بولىدۇ؛ يېرىم سۈزۈك ئوتتۇرىسى ئويمان بولۇپ، قۇلاققا ئوخشايدۇ، كېيىن تەدرىجىي ئۆزگىرىپ يوپۇرماقسىمان ھالغا كېلىدۇ؛ رەڭگى جىگەر رەڭ بولۇپ دېئامېترى بىر قانچە سانتىمېتر كېلىدۇ، بەزىدە 10 سانتىمېتردىن ئېشىپ كېتىدۇ، قۇرۇغاندىن كېيىن توق قوڭۇررەڭ بىلەن قارا رەڭ ئارىلىقىدا بولىدۇ، تاغلاردىكى ئورمانلىق ۋە قورۇدىكى دۇپ دەرىخى، قارىياغاچ، ئالنۇس دەرىخى، سۆگەت، تېرەك، تۇخۇمەك، ئۈجمە، جىگدە، كاشتان، فىكۇس دەرىخى قاتارلىق كەڭ يوپۇرماقلىق دەرەخلەرنىڭ چىرىگەن ياكى يېرىم قۇرىغان غولىدا ئۆسىدۇ. ھازىر كۆپىنچە سۈنئىي ئۆستۈرۈلۈۋاتىدۇ. جۇڭگونىڭ شەرقىي شىمال، شەرقىي جەنۇب، غەربىي جەنۇب ۋە ئوتتۇرا قىسىمدىكى ھەر قايسى ئورۇنلاردىن چىقىدۇ. ساڭراۋ قۇلاق جۇڭگودىكى مۇھىم ئوزۇقلۇق قىلىنىدىغان زەمبۇرۇغ بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. جۇڭگوچە دورىلار ئىچىدە قۇۋۋەتلەندۈرگۈچ قىلىپ ئىشلىتىلىدۇ. تەبىئىتى مۆتىدىل، تەمى تاتلىق بولىدۇ. يەلنى راۋانلاشتۇرۇپ بەدەننى كۈچلەندۈرۈش، قاننى جانلاندۇرۇش، قان توختىتىش، ئاغرىق توختىشىش ئۈنۈمى ھەمدە ئۆپكىنى نەمدەش ۋە ئاشقازان ئۈچەيلەرنى يۇيۇش رولى بار. ساڭراۋ قۇلاق توقۇمچىلىق ۋە كان ئىشچىلىرىنىڭ ساقلىقنى ساقلاشتا مۇھىم ئوزۇقلۇق قىلىنىدۇ.
Domain: ئۇنىۋېرسال木耳菜
mù ěr càiDباغۋەنچىلىك
木耳
mù ěrDئۇنىۋېرسال
木耳
mù ěr
Specialized
Domain: خەنزۇچە-ئۇيغۇرچە ئىشارە تىلىئىقتىساد
دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق، قوشۇمچە كەسىپ، بېلىقچىلىق
(1)ئىككى قولنىڭ باشمالتىقى ۋە بىگىز بارماقلىرىدا چەمبەر ھاسىل قىلىش بىلەن تەڭلا يۇقىرىغا يۆتكەيدۇ. (2) بىر بىگىز بارمىقى بىلەن قۇلاقنى كۆرسىتىدۇ.
木耳
mù ěr
About this entry
This is a Uyghur–Chinese dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.
This word also appears under other sources in Lughet's collection — see the list below.