UyghurMain Dictionary
سارانلىق
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
بېخىللىق، پىخسىقلىق.
شېئىردا مۇنداق كەلگەن:
نەڭىن تۇتار بەكلەيۈ ئۆزى يېمەس
سارانلىقىن يىغلايۇ ئالتۇن يىغار
{نەرىسسىنى چىڭ تۇتىدۇ، ئۆزى يېمەيدۇ،
بېخىللىق بىلەن يىغلاپ - قاخشاپ ئالتۇن يىغىدۇ.}
بەزى كىشىلەرنىڭ مىجەزى ھەققىدە شۇنداق دېيىلىدۇ: ئۆزى يېمەي، پىخسىقلىق قىلىپ، مېلىنى قاتتىق تۇتىدۇ، بېخىللىق بىلەن مال ئۈستىدە يىغلايدۇ، ئالتۇن توپلاپ ئاخىرى تاشلاپ كېتىدۇ.
1 - 655