Uyghur←ChineseMain Dictionary
سارايېۋو ۋەقەسى
Domain: دۇنيا تارىخى萨拉热窝事件
sà lā rè wō shì jiàn
سارايېۋودا يۈز بەرگەن قاتىللىق ۋەقەسىنى كۆرسىتىدۇ. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشنىڭ پىلتىسى. 1914 - يىل 6 - ئاينىڭ 28 - كۈنى، ئاۋسترىيە ۋەلئەھدى فرانز فېردىناند سارايېۋودا ئاۋسترىيە- ۋېنگرىيە ئىمپېرىيىسى ھەربىي قىسىملىرىنىڭ مانېۋىرىنى كۆرۈۋاتقاندا، سېربىيە مەخپىي مىللەتپەرۋەر تەشكىلاتى - <ياش بوسنىيە>ئەزاسى تەرىپىدىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن. ئاۋسترىيە - ۋېنگرىيە ئىمپېرىيىسى گېرمانىيىنىڭ قوللىشى بىلەن، 7 - ئاينىڭ 23 - كۈنى سېربىيىگە ئولتۇماتوم تاپشۇرغان ھەمدە 28 - كۈنى رەسمىي ئۇرۇش ئېلان قىلغان، شۇنىڭ بىلەن بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى پارتلىغان.
About this entry
This is a Uyghur–Chinese dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.
This word also appears under other sources in Lughet's collection — see the list below.