UyghurMain Dictionary
ساق سالامەت
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
ئاغرىق - سىلاق، كېسەلدىن خالىي.
ئاغرىق، كېسەل، بىتاپ، بىمار، خەستە، كەم ، ساقسىز، تاۋى يوق، مىجەزى يوق
تەن ساقلىقىدىن ئايرىلغان.
ساق يېرىمنىڭ ھالى يوق، ئاغرىق يېرىمنىڭ تايىنى يوق. تېنى ساققا تەمسىز تاماق يوق. ساغلام تەندە ئۈمىد بار، ئۈمىد بولسا ھەممە بار. سالامەت تەندە ساغلام ئەقىل. ئىككى كېسەل بىللە كەتتى، ساق بېرىپ، سالامەت قايتسۇن. كىيىشىم ماتا، تېنىم تازا. ئاغرىق بىلەن تازىلىق ئاراز. ھەر كىم ئۆز ئاغرىقىنى سۆزلەيدۇ. كېسىلىگە قاراپ دورا بەر. خەستە كىشىگە يول خەت كېسىلمەيدۇ. بىتاپ بولساڭ ئاپتاپقا چىق. بىمارغا بال ئاچچىق. بىر يېرىم كەم تۇرىدۇ، - دېدى ئاتام. مىجەزى يوقنىڭ ھالى يوق. ساقسىزنى قويۇپ ساقنى يۆلەپتۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
كېسەل، زەخىملىنىشتىن، ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچراشتىن خالىي؛ ئامان - ئېسەن.
قىزىڭىزنى ساق - سالامەت كىچىك ئاپىڭىزغا تاپشۇرىمەن!
تىرىك، ھايات.
ئاي مىسالى يارىم سەن، كۈن مىسالى يارىم سەن. چۈشۈمگە كىرىپ قاپسەن، ساق - سالامەت بارمۇ سەن؟
كەم - زىيادىسى يوق، تولۇق.
ئۇنىڭدىكى نەرسىلىرىڭنىڭ ھەممىنى ئۆيۈڭگە ساق - سالامەت يەتكۈزۈپ قويدۇم.