UyghurMain Dictionary
ساقال تاشلىماق
مەنىداش سۆزلۈكلەر
شەھۋانىي نىيەتتە قىلىنىدىغان ئىشارەت. كۆپىنچە ئەرلەر تەرىپىدىن بولىدۇ.
ئۇخلىغان ئىتقا تاش ئاتما، تونۇشمىغان قىزغا قاش. سەن ئالامسەن بۇ جاننى، يان - يانىڭغا كۆز تاشلاپ. كۆز قىسقاننىڭ كۆزى چىقسۇن ئىلاھىم! بىر قىلىقسىز كىشى بىر گۈزەل ئايالغا ساقال تاشلاپ:
- خانىم، پايپىقىڭىز چىرايلىق ئىكەن، قەيەردىن ئالدىڭىز؟ - خوتۇنمىغا ئېلىپ بېرەي دېۋىدىم، - دەپتۇ. ئايال:
- ئېلىپ بەرمەڭ، قىلىقسىز ئەر قانات سۆرەپ يۈرمىسۇن!- دەپتۇ.
ئۇيغۇر تىلىدىكى تۇراقلىق ئىبارىلەر
باشقا ئاياللارغا ئىچ - پەش تارتىپ ئەگىپ يۈرمەك، قانات سۆرىمەك: ئۆزۈڭ قونچاقتەك ياسىنىۋاپسەن، يىگىتلەر ساڭا ساقال تاشلاپ يۈرىدىغاندۇ، بىلسەم - بىلمىسەم، مارجان بۈۋى تۇمشۇقىنى پۈرۈپ، قېيدىغاندەك كەينىگە قارىۋالدى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
باشقا ئاياللارغا پەش تارتىپ ئەگىپ يۈرمەك؛ قانات سۆرىمەك.
- ئۆزۈڭ تازا قورچاقتەك ياسىنىۋاپسەن، يىگىتلەر ساڭا ساقال تاشلاپ يۈرىدىغاندۇ.