Uyghur←ChineseMain Dictionary
ساپ ئاسسمىلىياتسىيە
Domain: بىئولوگىيە净同华率
jìngtonghuáshuài
<فوتوسىنتېزلىق ئىشلەپچىقىرىش ئۈنۈمى> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇ بىر ئۆسۈملۈك تۈپىنىڭ نىسبەتەن ئۇزۇن مەزگىل (مەسىلەن، بىر سوتكا بىر ھەپتە) ئىچىدە ئارتقان قۇرۇق ئېغىرلىقىنى كۆرسىتىدۇ، ئۇنىڭ بىرلىكى ھەر بىر كۋادرات مېتر يوپۇرماق يۈزىنىڭ بەلگىلىك ۋاقىت ئىچىدە ھاسىل قىلغان قۇرۇق ماددىسىنىڭ گرام سانى بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. ئادەتتىكى ئەھۋال ئاستىدا، بىر كۋادرات مېتر يوپۇرماق يۈزىنىڭ ھەر سوتكىدىكى ساپ ئاسسىملىياتسىيە ئۈنۈمى 4 - 6 گرام بولىدۇ، يۇقىرى بولغاندا 15 - 16 گرامغا يېتىدۇ. بۇ كۆرسەتكۈچ يوپۇرماقنىڭ ئىقتىدارى ۋە تاشقى مۇھىتنىڭ ئوخشىماسلىقىغا قاراپ ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ. بولۇپمۇ تېمپېراتۇرا يۇقىرى، سۇ كەم، ھاۋا تۆشۈكى ئېتىك بولغاندا، نەپەسلىنىش كۈچىيىدۇ، فوتوسىنتېز كۈچىنىشى زور دەرىجىدە تۆۋەنلەيدۇ، بۇ ۋاقىتتا ساپ ئاسسىملىياتسىيە ئۈنۈمى نۆل بولۇپ قېلىشىمۇ، ھەتتا مەنپىي قىممەت كۆرۈلۈشىمۇ مۇمكىن. ئۇنىڭدىن باشقا، ئوخشاش بولمىغان ئېكولوگىيىلىك تىپتىكى ئۆسۈملۈك ۋە ئوخشاش بولمىغان سورت ئوتتۇرىسىدىمۇ پەرق بولىدۇ.
About this entry
This is a Uyghur–Chinese dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.
This word also appears under other sources in Lughet's collection — see the list below.